ئانا سەھىپەكېسەللىكلەريۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىيۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئالامەت ‏

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئالامەت ‏

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۇقىرى قان بېسىمى قان بېسىمى ئۆرلەشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئۇنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىمۇ باش ئاغرىش، باش قېيىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ھالقىلىق ئەزالار شۇنداقلا پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندىكى تۆتخىل كىسەللىك ئالامىتى ياكى بەدەن ئالاھىدىلىكلىرى بايقالسا، بەزى ئەزالاردا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش كېرەك.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئالامەت ‏

1. يۈرەك سېلىش، كۆكرەك ئاغرىش، تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىش: ئەگەر يۈرەك سېلىش كۆرۈلسە، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش، دالانچە تىترەش، يۈرەك بالدۇر سوقۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈزبەرگەن – بەرمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك؛ كۆكرەك ئاغرىش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى، ھەتتا ئائورتا قىستۇرما قەۋىتى كېسەللىكى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ تۆۋەنكى مۈچىدە سۇلۇق ئىششىق بولسا يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بەزى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى تۈپەيلىدىنمۇ ئوشۇق ئىششىپ قالىدۇ.

2. باش قېيىش، باش ئايلىنىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، پۇت – قول ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش ياكى ئۇيۇشۇش: بۇ خىل كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ياكى كۆز ئاستى ئارتېرىيە كېسەللىكلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكلىرىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر.

3. كۆز قاپىقى ئىششىش، كېچىدە كۆپ سىيىش، قان سىيىش ياكى كۆپۈك سىيىش: بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈزبەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇزاق مۇددەت ياخشى تىزگىنلەنمىگەن يۇقىرى قان بېسىمى ئاسانلا بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ.

4. ئىككى ئۈستۈنكى بىلەك قان بېسىمنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇش ياكى ئۇزاق يول ماڭسا پۇت ئاغرىش: ئىككى ئۈستۈنكى بىلەك قان بېسىمى پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولسا، ئادەتتە يۇقىرىقى مۈچە ئارتېرىيەسىنىڭ تارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئۇزاق يول مېڭىپ پۇت ئاغرىسا، بىردەم ئارام ئالغاندىن كېيىن سەل ياخشىلانسا، تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى تارايغان بولۇشى مۇمكىن.

كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 10:47:09

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ