بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلەپ ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقماقچى بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى تەكلىپلەردىن پايدىلىنىپ كۆرۈڭ :
1 – بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە كۆز قاراشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك .
2 – بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق مەسىلىلەرگە سوغۇققانلىق ۋە راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىش كېرەك .
3 – بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىتاب تەكچىسىدىن بىرنى قويۇپ قويۇڭ ھەمدە كىتاب تەكچىسنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭ ئۆزى ياسىغان نەرسىلىرىنى تىزىپ ئويناشقا يول قويۇش كېرەك .
4 – بالىلار ھەرخىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ياتاق ئۆي ياكى شىرەنىڭ ئۈستىنى قالايمىقان قىلىۋەتسە ، بالىلارنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك .
5 – بالىغا بىر ئۆي بېرىش ياكى ئۆينىڭ مەلۇم قىسمىنى تەۋە قىلىپ ئايرىپ بېرىش كېرەك .
6 – بالىغا بالىنىڭ تولىمۇ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى دائىم بىلدۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .
7 – بالىلارنىڭ شەخسى پىلان تۈزۈشىگە ۋە شەخسى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش كېرەك .
8 – بالىلار قىلالىغۇدەك ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىگە قىلدۇرۇش كېرەك .
9 – بالىلارنى قىزىقارلىق جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىش كېرەك .
10 – بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك .
11 – بالىلارنىڭ ھەرخىل قاتلامدىكى بالىلار بىلەن نورمال ئارىلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك .
12 – بالىلارنى ياخشى پەزىلەت ، ئېسىل خىسلەت يېتىلدۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك .
13 – بالىلارنى ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدىغان قىلىپ قويماسلىق كېرەك .
14 – بالىلارنى ھەرگىزمۇ ھاقارەتلىمەسلىك ،تىللاپ جازالىماسلىق كېرەك .
15 – بالىلارنى كىتاب ، ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ ، بالىلارنىڭ ئۆزى قىلىشنى خالىغان ئىشلارنى قىلىشقا يول قويۇش كېرەك .
16 – بالىلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئۆگىتىش كېرەك .
17 – بالىلارغا بەزى پايدىلىق نەرسىلەرنى قەرەللىك ئوقۇپ بېرىش كېرەك .
18 – بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .
19 – بالىلارغا ھېكايە ، چۆچەك توقۇشقا ، خام – خىياللارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك .
20 – بالىلارنىڭ شەخسى تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك .
21 – ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىردەم – يېرىمدەم بىرگە بولۇش كېرەك .
22 – بالىلارنى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارنى پىلانلاشقا ۋە سىرتلارغا چىقىش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇش كېرەك .
23 – بالىلارنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ بالىلارنى ئەخمەق ئېتىپ ئوينىماسلىق كېرەك .
24 – بالىلارنىڭ شېئىر يادلاش ، ھېكايە .ئېيتىش ، ناخشا ئوقۇش قاتارلىق ئىشلىرىنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش كېرەك .
25 – بالىلارنى ئۆزىدىن چوڭ ۋە كىچىك ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئىختىيارى بېرىش – كېلىش قىلىشىغا ئۈندەش كېرەك .
26 – بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ، تەجرىبە قىلىش پىلانلىرىنى تەپسىلى تۈزۈپ چىقىشىغا ياردەملىشىپ ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشىغا يېتەكلەش كېرەك .
27 – بالىلارنىڭ تۈرلۈك كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك .
28 – بالىلارنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا مەسىلىلەرنى بايقاشقا ۋە ھەل قىلىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك .
29 – بالىلارنىڭ ئىشلىرىدىن ماختاشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
30 – بالىلارنى ئورۇنسىز ماختىماسلىق كېرەك .
31 – چوڭلار بالىلارغا بولغان ھېسسىياتنى سەمىمىي ئىپادىلىشى كېرەك .
32 – بىر قىسىم ئىشلارنى بالىلار بىلەن بىرگە مەسلىھەتلىشىپ قىلىش كېرەك .
33 – بالىلارغا مۇستەقىل قارار چىقىرىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك .
34 – بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە ياردەملىشىش كېرەك .
35 – بالىلارغا بالىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى كۆپرەك كۆرسىتىش كېرەك .
36 – بالىلار ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى ، ئۆز ئىقتىدارىنى تونۇشى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇشى كېرەك .
37 – بالىلار ئىشنى بۇزۇپ قويسا ، ئۇلارغا خاپا بولماي ۋە تاپا – تەنە قىلماي مەن بۇ ئىشنى قىلالمايمەن ، ئىككىمىز بىرلىكتە قىلايلى دەپ ئىلھام بېرىش كېرەك .
38 – بالىلارنى ئىمكان قەدەر چوڭلارغا يۆلىنىۋالماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك .
39 – بالىلارنىڭ ئەقلىگە ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك .
40 – بالىلار بىرەر ئىشنى مۇستەقىل قىلىۋاتقان بولسا ، چوڭلار بالىلارنىڭ بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان تەقدىردىمۇ ، ئىشنىڭ ئاساسى قىسمىنى بالىلارنىڭ قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك