* بەرەڭگە (ياڭيۇ)نى ئاقلاپ، چوڭراق بولسا بىرنى، كىچىكرەك بولسا ئىككى ،ئۈچنى خام يەپ بەرسە بەل چىم بولۇش توختايدۇ.ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە كۈندە يەپ بېرىش كېرەك.ئادەتتە ئىككى قېتىمدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
* ھۆل زەنجىۋىلنى يانجىپ، قانىغان ئورۇنغا چاپسا، قان توختايدۇ.
* پۇتنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن سۇڭپىياز غولىنىڭ ئەڭ سىرتىدىكى بىر قەۋەت پوستىنى ئېلىپ، قاداقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ پىلاستىر چاپلاپ قويسا، بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاغرىق كۆرىنەرلىك پەسىيىدۇ ياكى يوقايدۇ. بۇنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندا، قاداقنىڭ ئەتىراپىدىكى تېرىلەر ئاقىرىپ يۇمشاپ، قاداق ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
* تېتقۇنى چوكا بىلەن بىر ئاز ئېلىپ، ئاغرىق چىشنىڭ ئۈستىگە قويسا ئاغرىق توختايدۇ.
* پۇت تەمرەتكىسى بارلار يىلان بىلىق سۆڭىكىدىن 100گرامنى قۇرۇتۇپ، يانجىپ تالقان قىلىپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن تەمرەتكە بار ئورۇنغا ھەر كۈنى بىر قېتىم سۈرتۈپ بەرسە، ئۈچ،تۆت كۈندىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.