ئانا سەھىپەئالامەتلەركۆكرەك قىسىميۈرەك تېز سوقۇش سەۋەبلىرى

يۈرەك تېز سوقۇش سەۋەبلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۈرەك تېز سوقۇش دىگەن قانداق ئەھۋال؟

يۈرەك تېز (ئىتتىك) سوقۇش
تۈركچە: çarpıntı, kalp çarpıntısı, taşikardi
ئىنگىلىزچە: tachycardia
خەنزۇچە: 心动过速

يۈرەك ھەر مىنۇت ۋە سېكۇنت ھارماي-تالماي ئىشلەيدۇ ، نورمال يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 60-90 قېتىم بولىدۇ ؛ ئەگەر 100 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە ، يۈرەك ئىتتىك سوقۇپ كېتىش دەپ ئاتىلىدۇ. يۈرەك ئىتتىك سوقۇش چوقۇملا يۈرەك كېسىلىگە مۇناسىۋەت بولۇشى ناتايىن. تۆۋەندە يۈرەك ئىتتىق سوقۇشنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرىنى تىلغا ئالىمىز.

يۈرەك تېز سوقۇش سەۋەبلىرى

يۈرەك تېز سوقۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىپ چۈشەنسەك بولىدۇ. بىرىنجىسى ، يۈرەك قان تومۇر مەنبەلىك يۈرەك تېز سوقۇش. يەنى يۈرەك، ۋە قان تومۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، ئەھۋاللار سەۋەبلىك يۈرەك تېز سوقۇش كۆرۈلىدۇ. ئىككىنجىسى بولسا، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدىن سىرتقى كېسەللىكلەر ۋە ئەھۋاللار سەۋەبلىك كېلىپ چىققان يۈرەك تېز سوقۇشتۇر.

يۈرەك قان تومۇر مەنبەلىك يۈرەك ئىتتىك سوقۇش:

قانسىزلىق

بەدەندە قانسىزلىق بار كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئورگانلارغا قان يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك، يۈرەككە «بىزگە قان لازىم» دىگەن سىگنالنى توختىماي بېرىدۇ، بۇ سەۋەبلىك يۈرەك بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ قان يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسىتىدە، تېز سوقۇشقا باشلايدۇ.

يۈرەك تىقىلمىسى ۋەيا يۈرەك تاجىسىمان تومۇر بوتقىسىمان قېتىشىش

جىددىي ياكى سوزۇلما خاراكتىرلىك يۈرەك تىقىلمىسى، تاجىسىمان تومۇر بوتقىسىمان قېتىشىش ئەھۋاللىرىدىمۇ يۈرەك بىنورمال سوقۇش، بولۇپمۇ يۈرەك تېز سوقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

قان بېسىمى تۆۋەن بولۇش

قاناش، سۇسىزلىنىش، دورا ئىستىمال قىلىش ۋەيا باشقا سەۋەبلەردىن قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، يۈرەك تېخىمۇ تېز سوقۇش ئارقىلىق قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىشقا تىرىشىدۇ.

تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى

تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى، مەسىلەن يۈرەك سىنۈس تۈگۈنىدە ئارتۇقچە قوزغاتقۇچى نۇقتىلىرى بولۇش، ئوڭ دالانچىدىن ئوڭ قېرىنچىگە يۈرەك رېتىمىنى يەتكۈزىدىغان قوشۇمچە يوللار بولۇش، تۇغما يۈرەك تۆشۈكچىلىرى… قاتارلىق تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرىدىمۇ يۈرەك تېز سوقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

 

يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدىن سىرتقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك تېز سوقۇش

1. بېسىم ۋە تەشۋىش.

بۇ روھىي ئامىللار ئادرېنالىن ۋە كورتىزول ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرالىسىڭىز ، يۈرەك تېز سوقۇش ئەھۋالى ئۆزلۈكىدىن نورماللىشىدۇ. چوڭقۇر نەپەسلىنىش، مېڭىنى تېنىچلاندۇرۇش، ئارام ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

2. ئىچىملىكلەر ياكى تاماكا ئارقىلىق يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش.

قەھۋە، ئىسپىرت (ھاراق) ، نىكوتىن (تاماكا) قاتارلىق غىدىقلىغۇچى ماددىلار قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ ۋە يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىدۇ. ئامېرىكىدىكى مايو شىپاخانىسىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈنىگە 400 مىللىگىرامدىن ئارتۇق قەھۋە ئىستېمال قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ ، بۇ تەخمىنەن 4 ئىستاكان قەھۋەگە باراۋەر. بەزىدە تاماكا تاشلاش، زەھەر تاشلاش جەريانىدىمۇ يۈرەك تېز سوقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ماددا تاشلاش يىغىندى ئالامەتلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

3. سۇسىزلىنىش.

سۇسىزلانسىڭىز ، ئۈنۈملۈك قان مىقدارى تۆۋەنلەپ ، قان بېسىمنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇ يۈرەكنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەشكە ۋە تېز ئۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. كۆپ تەرلەپ بەدەن زىيادە سۇسىزلىنىپ ماغدۇرسىزلانغاندا ، چوقۇم سۇ ياكى ئېلېكترولىت بار ئىچىملىكلەرنى ۋاقتىدا ئىچىڭ ، يوقاپ كەتكەن بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلاڭ.

4. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق يەنە كورتىزول ھورمۇنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئاشۇرىدۇ ، بۇ يۈرەك سوقۇشى ۋە قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۆلەتلىك ئۇيقۇ جەمئىيىتى ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى كەچتە 7-9 سائەت سۈپەتلىك ئۇخلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

5. بەدەندىكى ئاغرىقلار.

مايو كلىنىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، بەدەندىكى ئاغرىقلارمۇ كىشىنىڭ قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ، يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشغا ۋە قاندىكى كورتىزولنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا سەۋەپچى بولىدىكەن. ئاغرىق پەسەيگەندىن كېيىن، بايا تىلغا ئالغان ئەھۋاللار تۈزىلىدىكەن.

6. ھامىلىدارلىق

ھامىلدار ئايالنىڭ يۈرىكى نورمال ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئامېرىكىدىكى دۇك ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي مەركىزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئانا بەدىنىدىكى جەمئىي قاننىڭ 1/5 بالىياتقۇغا ئېقىپ بارىدىكەن ، بۇ يۈرەك قان تومۇرنى% 30 تىن% 50 كىچە ئاشۇرىدىكەن. يۈرەك سوقۇشى تېخىمۇ تېزلىشىدىكەن.

7. قالقانسىمان بەز مەسىلىسى.

قالقانسىمان بەز بەدەندىكى باشقا ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدىغان ھەر خىل ھورمون ھاسىل قىلىدۇ. قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ( T3, T4 ) يېتەرلىك بولمىغاندا ، يۈرەك سوقۇشى تۆۋەنلەيدۇ ، قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ئېشىپ كەتسە ، يۈرەك سوقۇشى ئىتتىكلەپ كېتىدۇ ۋە بىنورماللىشىدۇ. ئەگەر يۈرەك سوقۇشى قالقانسىمان بەز سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ گۇمان قىلىنسا ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

مەيلى قايسى سەۋەبتىن يۈرەك تېز سوقۇش بولسۇن ، ئەگەر شۇ كىشىنى زىيادە بىئارام قىلسا، قىسقا ۋاقىت (نەچچە مىنۇت ئىچىدە) نورمال رېتىمغا قايتمىسا، ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە، ياكى ئىشەنچلىك دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەت ئېلىش كېرەك.

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دوختۇر

مەنبە: دوختۇرلار تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-03 / 04:49:53

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ