ئانا سەھىپەكېسەللىكلەريۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىقان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۇقىرى قان بېسىم بىر خىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە تەۋە، ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرى قان بېسىم پەقەت ياشانغانلاردىلا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى ئەمەس، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ سانى 300 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، 34-25 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %20تىن ئېشىپ كەتكەن.

قان بېسىمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرۇشى مېڭە تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئارتېرىيە قېتىشىش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر، سەھەردە، تاماقتىن كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا:

1. ئورنىدىن تۇرغاندىكى ھەرىكىتى كۈچلۈك بولۇپ كەتمەسلىك

ئادەمنىڭ قان بېسىمىدا تەبىئىي تەۋرىنىش قانۇنىيىتى بولىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا «يۇقىرى پەللە» شەكىللىنىدۇ. ئورنىدىن تۇرۇش ھەرىكىتى بەك تېز بولۇپ كەتسە، مۇسكۇلنىڭ تۇيۇقسىز قىسقىرىشى قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننى تېخىمۇ خەتەرلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا سەھەر تۇرغاندا ئالدى بىلەن ئىككى مىنۇت جىمجىت يېتىۋېلىپ، ئاندىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك.

2. كۈچەپ تەرەت قىلماسلىق

ئەتىگەن چوڭ ئۈچەي ئەڭ جانلىنىدىغان ۋاقىت، ئەتىگەندە چوڭ تەرەت قىلغاندا، قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلاردا كۆپ كۈچەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى بەك كۈچەپ تەرەت قىلماسلىق كېرەك. كۈچەپ چوڭ تەرەت قىلغاندا قورساق بېسىمى ئېشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

3. زىيادە كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماسلىق

ئەتىگەنلىك چېنىقىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈشىدىكى بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى. شۇڭلاشقا ئەتىگەنلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چېنىقىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، خەتەرلىك ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. ئەتىگەندە ئاچ قورساق ياكى كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر ھەرىكەت بەدەننىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن ئېشىپ كەتسە، يۈرەكنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش كەمچىل بولۇش، قان تومۇرلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىش، سەكتە قاتارلىق خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

تاماقتىن كېيىن:

1. ئۇخلاشقا ئالدىرىماسلىق

تاماقتىن كېيىن بەدەندىكى قان شېكىرى ئۆرلەپ، قان يېپىشقاقلىشىپ، مېڭىگە ئاسانلا ئوكسىگېن يېتىشمەي، ئادەم مۈگدەپ قالىدۇ. لېكىن تاماقتىن كېيىن دەرھاللا ئۇخلىغاندا، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ نورمال ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇخلىغاندا قان ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن ياكى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئارام ئالسا بولىدۇ.

2. يۇيۇنۇشقا ئالدىرىماسلىق

تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، قان ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا ئېقىپ، بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدا قان ۋە ئوكسىگېن كەمچىل بولىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سۇ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا، تېمپېراتۇرا قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ، قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى ياكى كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان ئېقىم مىقدارىنىڭ ئېشىشى چوڭ مېڭە ۋە يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىنى ئازايتىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنى ئاجىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. تاماق يەپ بولۇپ بىر سائەت كېيىن ئاندىن يۇيۇنسا، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ ياخشىسى 36-42 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

3. تاماكا چېكىشكە ئالدىرىماسلىق

تاماقتىن كېيىنلا تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاماقتىن كېيىن دەرھال بىر تال تاماكا چەكسە، يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 5-20 قېتىمغىچە ئاشىدىكەن، تاماكا چېكىش قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.

 

ئۇخلاشتىن بۇرۇن:

1. ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش

ئاچچىقلىنىش سالامەتلىككە زور زىيان يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاچچىقلىنىشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ. ئاچچىقلانغاندا بەدەندىكى توكسىنلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قېرىشنى تېزلىتىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەدەن مېتابولىزمى ئاستىلايدۇ، قان ئايلىنىش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ، بۇ قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز، شۇڭا ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك.

2. ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچتە چىش چوتكىلاش ئادىتى يوق بولۇپ، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ناچارلاشقاندا قان بېسىمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچتە چىش چوتكىلىمىسىمۇ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ۋاسىتىلىك ھالدا قان بېسىمىدا بىنورماللىق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاش ئادىتىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن چىش چوتكىلىشى كېرەك.

3. ھاراق ئىچمەسلىك

نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراق ھاراق ئىچىش ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولۇشىغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىش جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسپىرتمۇ قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17753830.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-06 / 07:20:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ