ئەتىگەنلىكى قېتىپ قېلىش
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئەتتىگەنلىك قېتىشىش, سەھەرلىك قېتىشىش, سەھەردە قېتىپ قېلىش, سەھەرلىك قېتىش, ئەتتىگەنلىك قاتتىقلىق
morning stiffness
晨僵
sabah tutukluğu
ئەتىگەنلىكى قېتىپ قېلىش ئەھۋالى كۆپىنچە رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. چۈنكى كېچىچە بوغۇملار ھەرىكەتسىز بولغانلىقتىن ئويغانغاندا مىدىرلىتىش ئوينىتىش تەسكە توختايدۇ. بۇ ئەھۋالنى قېتىشىۋېلىشقا ئوخشاتقان. بىرقانچە مىنۇت ۋەيا بىرەر سائەتكە يېقىن ھەرىكەت قىلغاندا ئاندىن ئاستا ئاستا ئەسلىگە قايتىدۇ.