شۋېتسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، قورامىغا يەتكەنلەر ئۇزاق ۋاقىت جىددىي ھالەتتە تۇرسا ، ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن .
تەتقىقاتچىلار 35 ياشتىن 66 ياشقىچە بولغان 1000 دىن كۆپ ئايالنى 1968 – يىلى ، –1974 –يىلى ۋە 1980 –يىلى ئۈچ قېتىم سوئال سوراپ تەكشۈرگەن . نەتىجىدە روھىي جىددىيلىك ئەھۋالى بارلىقىنى بىر قېتىم ئېتراپ قىلغان ئاياللارنىڭ روھىي جىددىيلىك ھالىتى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتىمىغان ئاياللارغا قارىغاندا ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %10 يۇقىرى بولىدىغانلىقى؛ روھىي جىددىيلىك ئەھۋالى بارلىقىنى ئىككى قېتىم ئېتراپ قىلغان ئاياللارنىڭ ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %73 يۇقىرى بولىدىغانلىقى ؛ روھىي جىددىيلىك بارلىقىنى ئۈچ قېتىم ئېتراپ قىلغان ئاياللارنىڭ ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %151 يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان .
تەتقىقاتچىلار : بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئەرلەرگىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ ، دېدى .