مېڭە ئالدى لىپىلدىقى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئالدى مېڭە لىپىلدىقى, باش ئالدى يۇمشىقى, باش ئالدى لىپىلدىقى, مېڭە ئالدى لىپىلداق, مېڭە ئالدى يۇمشىقى, مىڭە ئالدى يۇمشىقى, مىڭە ئالدى لىپىلدىقى, مېڭە ئالدى ئوچۇقى, مېڭە ئالدى يوچۇقى, مېڭە ئالدىدىكى لىپىلداق, مېڭە ئالدى لېپىداق, مېڭە ئالدى لېپىلدىقى
anterior fontanel
前囟门
ön fontanel, ön bıngıldak
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بېشىدا ئىككى مېڭە لىپىلدىقى بولىدۇ. بۇ ئىككى يەر بىرسى ئالدىدا، بىرسى باشنىڭ كەيدىراق بولىدۇ. بۇ يەر يەنى باش سۆڭەكلىرىنىڭ تۇتۇشۇپ شەكىللەندۈرگەن بىر بوشلۇق قىسىمدۇر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇ لىپىلداق بوشلۇقلىرى تېخى ئېتىلمىگەن بولىدۇ. كەينى مېڭە لىپىلدىقى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 3 ئاينىڭ ئىچىدە ئىتىلىدۇ. ئالدى مېڭە لىپىلدىقى بىر قەدەر چوڭراق بولغاچقا، 1 ياشتىن 1 يېرىم ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئىتىلىدۇ.
بۇ ئورۇن ئۇدۇل باشنىڭ ئىچى بىلەن بولغان بىر يوچۇق بولغاچقا، شۇڭا بوۋاقلارنىڭ بۇ قىسمىنى ئالاھىدە ئاسراش بەك مۇھىم.