ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ بەزىلەر مۇشۇنداق كېسەلگە گرىپتار بولسا كېسەل ئەھۋالىغا ، ئالامىتىگە قارىمايلا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىچىپ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋالىدۇ
ئۇنداقتا قانداق ۋاقىتلاردا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىچىشى كېرەك ?
خەپرۇكى سېرىق ياكى مايسا رەڭدە بولسا ياكى قىزىتمىسى ئۆرلىسە ، تەكسۈرتكەندە ئاققان دانچىلىرى كۆپىتىپ ، ئۆپكىسى ياللۇغلانغان بولسا ، ئاندىن باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ .
پەقەت يۆتەلگە قاراپلا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىچسە ، ئويلىمىغان يەردىن يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .
بىرىنچىدىن ، باكتېرىيىلەرنىڭ دورىغا قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، دورىغا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ ؛
ئىككىنچىدىن ، ھەر قانداق بىر باكتېرىيىگە قارشى دورىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى ۋە ئەكىس تەسىرى بولىدۇ . بولۇپمۇ جىگەر ، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئىچكى ئەزالارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زەخىملىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ؛
ئۈچىنچىدىن ، باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ، ئەسلىدىكى بەزى كېسەل پەيدا قىلمايدىغان باكتېرىيە ياكى زەمنۇرۇغلارنى كۆپەيتىپ ، بىمارنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەگەشمە كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ، بولۇپمۇ ئىچكى ئەزا زەمبۇرۇغى تىپىدىكى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەلنى كونترول قىلىش تەس بولۇشى ، ھەتتە ھاياتىغا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن .