5 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

0
1377
5 ئايلىق بوۋاقلار ????  – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

5 ئايلىق بوۋاقلار ????

باش ئايلانمىسى:  40.3 – 44.8 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى:  62 – 70 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى:  6100 – 9200  گىرام

ئوخشىمىغان بىرقانچە ئاساسىي ئوچۇق رەڭلەرنى پەرق قىلالايدىغان بولىدۇ، ئۆز ياخشى كۆرگەن رەڭنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ. چوڭ نەرسىلەردىن ئاستا ئاستا كىچىك ھەجىمدىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ.

يەرگە ئۇرۇلغان چوڭراق توپنىڭ ھەرىكەت يولىغا كۆزى بىلەن ئەگىشەلەيدۇ. ئاۋاز كەلگەن نوقتىغا ئىتتىك دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرلەيدۇ. ئەتراپدىكى ئادەمنىڭ ئاۋازىنىڭ ھىسسىياتىنى ھىس قىلالايدۇ شۇڭا ئاچچىقلاپ گەپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ.

زىھنى تەرەققىي قىلىدۇ. يىغلىغاندا يېنىغا كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. ئا ۋە ئو غا ئوخشاش ئاۋازلارنى قايتا قايتا چىقىرالايدىغان بولىدۇ. كۈلۈش ۋە يىغلاش ئارقىلىق ھىسسىياتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ.

❤️️

5 ئايلىق بوۋاقلار ????  – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

 

ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردا بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدە بالىلار دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كېيىنكى ئايلاردىكىنى داۋاملىق چىقىرىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here