بىئوتىننىڭ ئارخىپى
باشقىچە ئاتىلىشى: ۋىتامىن H، كوئېنزىم R.
تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: بىئوتىن B گۇرۇپپىغا تەۋە ۋىتامىن بولۇپ، ئۇ ئورگانىزمدىكى ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ ئالمىشىشىغا قاتنىشىپ، بەدەننى يېەمكلىكلەرنى ئۆز ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرغۇزىدۇ، ئۇ چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ نىجاتكارىدۇر.
ئاساسلىق رولى: بىئوتىننىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئاساسلىق رولى چاچنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئۇ چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە تاقىرباش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە دائىم ئۇچرايدىغان ياش تۇرۇپ چېچى بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىنسۇلىن ۋە قان شېكىرىنىڭ تەڭشىلىشىنى ياخشىلايدۇ، ۋىتامىن C نى بىرىكتۈرۈشتىكى زۆرۈر ماددىدۇر.
ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا قاتنىشىپ، ئورۇقلىغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ماددا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بېرىدۇ، غەمكىنلىك، ئۇيقۇسىزلىققا نىسبەتەن بەلگىلىك ياردىمى بار. مۇسكۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ، مۇسكۇل ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ. تەر بېزى، نېرۋا توقۇلمىلىرى، يىلىكنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەرلىك جىنسىي بەزلەرنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ، ھۆل تەمرەتكە، تېرە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى: ئادەمنىڭ ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملار بىئوتىننى ئۆزلۈكىدىن بىرىكتۈرەلەيدىغانلىقتىن، نورمال ئادەملەردە بىئوتىن كەمچىل بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى ئاز. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇزۇن مۇددەت خام تۇخۇم يېيىشكە ئامراق بولۇپ كەلگەن كىشىلەر، ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ شۈمۈرۈشى ياخشى ئەمەس كىشىلەر، بىئوتىنغا نىسبەتەن قارشى تۇرۇش تەسىرىگە ئىگە بەزى دورىلار (مەسىلەن، دېنوباربىتال، فېنتوئىن قاتارلىق) نى ئىچكەنلەردىلا ئاندىن ئاسانلا بىئوتىن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
بىئوتىن يېتىشمەسلىك ھەمىشە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بابىلاردا كۆرۈلىدۇ. بىئوتىن كەمچىل بولغانلاردا چېچى ئىنچىكىلەش، پارقىراقلىقىنى يوقىتىش، تېرىسىگە قاسىراقسىمان ۋە قىزىل رەڭلىك ئەسۋە چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر كەمچىل بولغانلاردا ئەسۋە كۆز، بۇرۇن ۋە ئېغىزىنىڭ ئەتراپىغا چىقىدۇ: كۆپ ساندىكى بىمارلاردا غەمكىنلىك، ئۇيقۇسىراش، خىيالىي تۇيغۇ ۋە ئىنتايىن غەيرىي سېزىم پەيدا بولۇش قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىندى ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى: دائىم ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ياكى سۇلفانىلامىدلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلىدىغانلار: دائىم بۇ خىل دورىلارنى ئىچكەندە، ئۈچەيدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، بىئوتىن يېتىشمەسلىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق كىشىلەر بىئوتىننى نورمىدىن تاشقىرى تولۇقلىشى زۆرۈر، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ھامىلىدار ئاياللار: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بىئوتىن ئېنىق ھالدا زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىئوتىنغا ئالاقىدار قۇۋۋەت تولۇقلاش بۇيۇملىرىنى ئىستېمال قىلسا ھەمدە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلسا، ئاندىن ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
دائىم تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدىغان ياكى ھۆل تەمرەتكە چىقىدىغانلار: بىئوتىن تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقتىن، مۇشۇنداق كېسىلى بارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىئوتىن تولۇقلىسا بولىدۇ.
چېچى بالدۇر ئاقىرىپ كېتىش خاھىشى بارلار: بىئوتىن چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىئوتىن تولۇقلىسا بولىدۇ.
چېچى شالاڭ كىشىلەر: يېتەرلىك بىئوتىن چاچ ۋە تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ ھەمدە چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىئوتىن تولۇقلىسا بولىدۇ.
تىرنىقى ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغانلار، گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار، بىئوتىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى: بارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك تەركىبىدە بىئوتىن بولىدۇ، ئادەم بەدىنىدە بىئوتىننى بىرىكتۈرەلەيدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنى تولۇقلاش ھاجەتسىز، ئەلۋەتتە، بەزىلەر كۈندىلىك ساقلىقنى ساقلاش ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ، يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەر، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلاردىن تولۇقلىسىمۇ بولىدۇ.
مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى