ئەڭ باشتا، قىزىلئۆڭگەچنىڭ ھەرخىل تىللاردا ئاتىلىشىنى كۆرۈپ باقايلى.
قىزىلئۆڭگەچنى : ئىنگىلىزچە: Esophagus
تۈركچىدە Yemek borusu, ياكى özofagus مۇ دەپ قويىدۇ. خەنزۇچە: 食管 دەپ ئاتايدۇ.
نورمالدا تاماق، سۇلار ئېغىز بوشلۇقىمىزدا 5-10 سىكونىت تۇرغاندىن كىيىن ئاندىن قىزىلئۆڭگەچكە كىرىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ يولىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن 5-10 سىكونىت ئىچىدىلا ئاشقازانغا بېرىپ بولىدۇ.
تاماق يىگەندىن كېيىن قىزىلئۆڭگەچ رېتىملىق قىسقىراش كېيىڭىش ئارقىلىق تاماقلارنى ئاستا ئاستا ئاشقازانغا قاراپ ئىتتىرىدۇ. بۇ قىسىمدا نېرۋا يوللىرى كۆپ بولمىغاچقا، شۇڭا ئىسسىق سوغۇقلارنى بەك ھىس قىلىپ بولالمايمىز. پەقەت قىزىلئۆڭگەچنىڭ كېيىڭىش تارىيىشى ئارقىلىق ئەتراپتىكى بېسىم نېرۋا يوللىرىنى غىدىقلىغاچقا، بەزىدە تاماقلار تۇرۇپ قالغان ھىسنى بىلەلەيمىز.
قىزىلئۆڭگەچنىڭ تاماقلارنى، سۇلارنى سۈمۈرۈش رولى يوق. بۇنى بىلىمىز. تاماقلار قىزىلئۆڭگەچتىن ئاشقازانغا كىرىشنىڭ ئالدىدا مۇسكۇللۇق كىلاپان بار. بۇ كىلاپان تاماقلارنىڭ، سۇلارنىڭ ۋە ئاشقازان كىسلاتالىرىنىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەگەر بۇ كىلاپاندا مەسىلە چىقىپ قالسا، ئاشقازاندىكى تاماق، سۇ كىسلاتالار ئاسان ئارقىغا يېنىپ كېتىپ، قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاخىرقى قىسمى يەنى ئاشقازانغا يېقىن بولغان قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەر زەخىمگە ئۇچراپ قالىدۇ. بۇ كىلاپاننىڭ نورمال يېپىلالماسلىقنى بىز قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلى دەپ ئاتايمىز.