ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئاياللار ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ئاياللار ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى مېۋە ئارقىلىق تىزگىنلىگىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

* سۈت بېزى كېسىلى بارلار بۇغداي ئۇنى يېمەكلىكلىرى بىلەن لامنارىيەنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ساپ بۇغداي ئۇنى يېمەكلىكى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئانىلىق ھورموننىڭ قاندىكى ئايلىنىشىنى ئاشۇرۇپ ، ئانىلىق ھورموننىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن پەيدا بولىدىغان سۈت بېزى كېسەللىكىنى چەكلەيدىكەن . داۋاملىق لامنارىيە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، سۈت بېزى يوغىناپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .

ئاياللار ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

* ئانىلىق ھورمونى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . قاندكى ئانىلىق ھورمونى نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولسا ، ئاياللار كۆپىيىش ۋە يۈرەكنى قوغداش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ . كاناماش ( دادۇر ) تەركىبىدىكى ئىزىفلاۋون ئانىلىق ھورمون ھاسىل قىلغۇچى ماددا بولۇپ ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننى تولۇقلايدۇ . كۈندە 500 مىللىلىتىر كاناماش بوتقىسى ياكى 100 گرام كاناماشتىن قىلىنغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئانىلىق ھورموننى تەڭشەيدۇ .

* كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە خاراكتېرلىك جىسىي يول ياللۇغى بارلار سامساقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . داۋاملىق سامساق ئىستېمال قىلىپ بېرىدىغان ئاياللار كۆكەرتكۈچىباكتېرىيە خاراكتېرلىك جىنسىي يولى ياللۇغىغا ئاسانلىقچە گىرىپتار بولمايدۇ . چۈنكى سامساق تەركىبىدىكى ئاللىتسىن ۋە كاپزائىتسىنلارنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار . ئۇلار ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتېرىيەلەرنىڭ جىنسىي يولىدا يېتىلىش ۋە ئايلىنىشىنى چەكلەيدۇ .

* ھەيزنىڭ كېلىشى نورمالسىزلار ھەسەل قوشۇلغان قىزىق سۈت ئېچىپ بېرىشى كېرەك . ھەيز كەلگەن مەزگىلدە ئاياللار ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل قوشۇلغان قىزىق سۈتئىچىپ بەرسە ، ھەيز مەزگىلىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ . چۈنكى كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالىي كەيپىياتنى ياخشىلاش ، قورساق ئاغرىقىنى يېنىكلىتىش ، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ھەيز مىقدارىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ . ھەسەل تەركىبىدىكىماگنىي مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تىنچلاندۇرۇپ ، ھەيز مەزگىلىدىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىپ ، روھىي بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ .

* ھەيز ئاغىتىپ كېلىدىغانلار بانان ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . بانان تەركىبىدە ۋىتامىن B6 مول بولۇپ ، ئۇ نېرۋىنى تىنجلاندۇرىدۇ ۋە ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ھەمدە قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ .

بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغانلار تەركىبىدە ماگنىيمول يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كۆپىنچە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا ، بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ . تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، تەركىبىدە ماگنىي بولغان تېرىق ، قارا بۇغداي ئۇنى ، پۇرچاقتۈرىدىكىلەر ، بانان ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشىنى پەسەيتىدىكەن .

* پىشلاق ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ . تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ، پىشلاق يۈرەككە پايدىلىق بولۇپلاق قالماي ، يەنە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى پايدىسىز خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە پايدىلىق خولېستىېرىننىكۆپەيتىدىكەن .

* ئاياللار چارچىغاندا توخۇ يۈرىكى ئىستېمال قىلسا بەدەنگە پايدىلىق . ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسان چارچايدۇ . بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇتەخەسسىسلەر ، بۇنى كۆپىنچە يېنىك دەرىجىدىكى تۆمۈر كەم بولۇش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ قارايدۇ . شۇڭا ئاياللار توخۇ يۈرىكى ، توخۇ تاشلىقى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا تۆمۈر تولۇقلىنىپ ، چارچاش يوقايدۇ .

‹‹ پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى ›› دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-01 / 07:08:39

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ