سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۇمغاقسۈت كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدىغان بىر خىل كۆكتات بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تاماق ئەتكەندە قازانغا بىر سىقىم يۇمغاقسۈت سېلىۋېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تەم قوشقىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ شورپا ياكى گۆش، بېلىق پىشۇرغاندا يۇمغاقسۈتنى سېلىپ پىشۇرغاندا، تەمى ياخشى بولىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يۇمغاقسۈتنى بىۋاسىتە قورۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇمۇ سالامەتلىككە ياخشى، ئەمما بەزى كىشىلەر يۇمغاقسۈت يېسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ بۇ تۆت خىل كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى يۇمغاقسۈت يېمەسلىكى كېرەك.
1. ھامىلىدار بولغانلار
ھەممەيلەن ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار دائىم يۇمغاقسۈت يېسە، بالىياتقۇ قىسقىراپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى يۇمغاقسۈت يېمەسلىكى كېرەك.
2. ئېغىزى پۇرايدىغانلار
ئېغىزى پۇراش مەسىلىسى كىشىنى ئىنتايىن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، كۆپچىلىك يۇمغاقسۈتنىڭ بىر خىل مەززىلىك پۇرايدىغانلىقىنى بىلمىىز، ئەمما ئېغىزى پۇرايدىغان كىشىلەر يۇمغاقسۈت يېسە، ئەكسىچە ئېغىز پۇرىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئېغىزى پۇرايدىغان كىشىلەر ئامال بار يۇمغاقسۈت يېمەسلىكى، بولۇپمۇ قورۇلغان يۇمغاقسۈت يېمەسلىكى كېرەك.
3. قولتۇقى پۇرايدىغانلار
يۇمغاقسۈت تەبىئىتى مۆتىدىل يېمەكلىككە تەۋە بولۇپ، كۆپ مىقداردا يېسە بەدەندىكى تەر چىقىرىش سىستېمىسىغا تەسىر قىلىپ، ئادەم كۆپ تەرلەيدۇ، شۇڭا قولتۇقى پۇرايدىغانلار يۇمغاقسۈت يېگەندىن كېيىن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ تەر ئاجرىتىپ چىقىرىپ، باكتېرىيە پەيدا بولۇپ، قولتۇق پۇراشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا قولتۇق پۇرايدىغانلار ئامال بار يۇمغاقسۈت يېمەسلىكى كېرەك.
4. ئاشقازان يارىسى بارلار
يۇمغاقسۈتنىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى بار، لېكىن ئاشقازىنى ناچار كىشىلەر يۇمغاقسۈتنى يېگەندىن كېيىن، ئاشقازاننى غىدىقلاپ، ئاشقازان يارىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17731222.shtml
يۇمغاقسۈت
Coriander
Kişniş
香菜