ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقيۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى

يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەكتىكى پەرھىزلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

  ھاراقتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
ھاراق يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدۇ، قان تومۇرلىرىنى تارايتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. كالتسىي تۇزلىرى، خولېستېرول قاتارلىقلارنى قان تومۇرى دىۋارىغا چۆكتۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل زىيادە ھاراق ئىچسە، ئاسانلا ئارتېرىيىنى قاتۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

   قېنىق چايدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى قېنىق چاي، بولۇپمۇ قېنىق قىزىل چايدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى، قىزىل چاي تەركىبىدە چاي ئىشقارىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، چوڭ مېڭىنى قوزغىتىپ، بىئاراملىق، ئۇيقۇ قېچىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. كۆك چاي قان بېسىمىنى داۋالاشقا پايدىلىق.

   تۇزدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خلور بولۇپ، ناترىي بەدەندە سۇيۇقلۇق، بولۇپمۇ قان سىغىمىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا قان بېسىمى ئاغرىقلىرى تۇزلۇق تاماقتىن پەرھىز تۇتۇشى، قان بېسىمى نورمال كىشىلەرمۇ تاماقنى تۇزلۇق قىلىۋەتمەسلىكى، ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك تامىقىدىكى تۇز تۆت – بەش گرامدىن ئاشماسلىقى كېرەك.

   ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇمدىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەر خولېستېرىننى كۆپەيتىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەر(گلۇكوزا، ساخاروزا، شاكىلات قاتارلىقلار) ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىدۇ. سېمىزلەردە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە كۆپىنچە سېمىزلىك قوشۇلۇپ كېلىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئاغرىقلار يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.

   توخۇ گۆشى شورپىسىدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
توخۇ گۆشى شورپىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئەمما ئۇنى كۆپ ئىچسە قاندىكى خولېستېرىننى ۋە قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى توخۇ گۆشى شورپىسىنى ئىچمەسلىكى كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:24:27

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ