بەزى ئاياللاردا ياش تۇرۇپلا ھەيز ئازلاش، قالايمىقانلىشىش، ئاغرىتىپ كېلىش ھەمدە ئاق خۇن كۆپ بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ
بۇ بالىياتقۇنىڭ قېرىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بالىياتقۇنى ياشارتىدۇ:
1. كۈندە يېرىم سائەت تېز مېڭىپ بەرگەندە، بالىياتقۇنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
2. ھەپتىدە بىر قېتىم ئىككى سائەت سۇ ئۈزۈشكە ئادەتلەنگەندە، بالىياتقۇ ئىچكى قىسمىنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
3. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئىلمىي بولۇش. بىر قىسىم ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش دورىلىرى ئۈنۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن بالىياتقۇغا پايدىسىز، شۇڭا دورا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىش كېرەك.
4. بالىياتقۇنىڭ ئىسسىق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.