ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىقان تىپىڭىزنى بىلەمسىز؟ ABO قان تىپى ۋە Rh قان تىپى

قان تىپىڭىزنى بىلەمسىز؟ ABO قان تىپى ۋە Rh قان تىپى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۇ قىتىملىق مەزمون باشلىنىش ئالدىدا، ئاۋۋال بىر سوئال سوراي: ئۆزىڭىزنىڭ قان تىپىڭىزنى بىلەمسىز؟

ھە، A دىگەنلەر بولدى، B دىگەنلەر مۇ بولدى، بەزىلەر ئەجەبلىنىپ قاراپ ئولتۇرغانلارمۇ بولدى دەپ ئويلايمەن.

بەلكىم بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بېرەلەيدىغانلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. بىلگەن تەغدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ A,B,O ياكى AB دەپ بىلىشى مۇمكىن.

بۈگۈنكى بۇ ۋىدىئورىمىزدا، سىزلەرگە مۇشۇ قان تىپى توغرىلىق بىراز مەلۇمات بېرىمىز.

قان، ۋە قان تىپى

قان بەدىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە بار، بۇنى بىلىمىز، قان بەدىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگىن توشۇيدۇ . بۇنىمۇ بىلىمىز. ئەمدى بىراز ئىنچىكىلەپ كىرسەك:

قاننىڭ تەركىبىدىمۇ 4 خىل قان ھۈجەيرىسى بولىدۇ. بۇلار يەنى: قىزىل قان ھۈجەيرىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى، قان پلاستىنكىلىرى، قان زەردابى. بۇ تۆت خىل قان ھۈجەيرىلىرى ھەرخىل روللىرى بولىدۇ، مەسىلەن ئوزۇقلۇق توشۇش، ئوكسىگىن توشۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ۋىرۇس مىكروپلاغا قارشى تۇرۇش دىگەندەك ھەرخىل روللىرى بولىدۇ. ئۇ مەزمونلارنى كېيىنكى لىكسىيەدە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز.

بۇ قانلار ئىچىدە، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئاساسلىقى بەدەنگە ئوكسىگىن يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئوكسىگىن بولمىسا، بەدەننىڭ شۇ ئورگىنى ئۆلىدۇ دىگەنلىك. مەسىلەن مېڭىگە قان بارمىسا مېڭە ئۆلىدۇ. يۈرەككە قان بارمىسا يۈرەك ئۆلىدۇ.

قان تىپى دىگەن نىمە؟

بۇ يەردىكى قان تىپى دىگىنىمىز، دەل مۇشۇلار ئىچىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ تىپىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ قان تىپىمىزنى چوقۇم بىلىۋېلىشىمىز لازىم. نىمە ئۈچۈن دىسىڭىز، بۇ قان تىپى سىزنىڭ ھايات ماماتىڭىزغا تاقىشىدۇ. قان تىپى بىر بىرى بىلەن ماسلاشماسلىق دىگەن بىر مەسىلە بار. خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر بەدىنىڭىزدە چوڭ بىر قان چىقىش بولۇپ كەتسە، مەيلى بىر مۇھىم ئوپىراتسىە بولۇڭ، بالا تۇغۇڭ، قاتناش ۋەقەسىدە بولغان قان چىقىپ كەتكەن چاغلاردا، سىزگە ياكى يېقىنلىرىڭىزغا قان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا، سىزگە ياكى شۇ قان كېرەك بولغان ئادەمگە ئوخشاش تىپتىكى قان بېرىلمىسە، تومۇر ئىچىدە قانلار ئۆز ئارا رىئاكسىيە كۆرسىتىپ، بىر بىرسى بىلەن ئىناق ئۆتەلمەي، پارچىلىنىپ، ئاخىرىدا قان ئۇيۇشۇپ قېلىپ، يېنىكرەك بولسا زىيادە سىزىمچانلىق بولىدۇ، ئېغىرراقلىرى بولسا مۇھىم ئورگانلار كاردىن چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كىتىشمۇ مۇمكىن.

شۇڭا دۆلەتنىڭ كۆپ ئورگانلىرىدا قان تىپىڭىزنى سورايدۇ. ئەڭ ئاددىيسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىڭىزنىڭ ئۈستىگە قان تىپىڭىزنى يېزىپ قويىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ئەگەر قاتناش ۋەقەسى بولۇپ، سىزدە چوڭ قان چىقىپ كىتىش ئەھۋالى يۈز بەرسە، ھەم سىز ھوشىڭىزدىن كەتكەن بولسىڭىز، قېنىڭىزنىڭ قايسى تىپتىكىنى تەكشۈرۈپ ۋاقىت ئىسراپ بولغۇچە، دەرھال شۇ سىزنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىڭىزدىكى قان تىپىڭىزگە قاراپ جىددىي قان بېرىش قارارىنى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت توي قىلماقچى بولسىڭىز، ياكى ئوپىراتسىيە بولۇش ئالدىدا ، بالا تۇغۇش ئالدىدا قاتارلىق كۆپىنچە ئىشلاردا قان تىپىڭىزنى سورايدۇ ياكى تەكشۈرىدۇ.

شۇڭا قان تىپىنى بىلىۋېلىش، بويۇم قانچە، ئېغىرلىقىم قانچە دىگەندەكلا بەكلا بەك مۇھىم ئىشتۇر.

ئەمدى ئىككىنجى بىر مۇھىم مەسىلە: قان تىپى قانچە خىل بولىدۇ؟

ھازىر دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ئىككى خىل قان تىپى ئايرىش ئۇسۇلى ئىشلىتىلىدۇ. بىرسى ABO قان تىپلى  سىستىمىس ، يەنە بىرسى Rh قان تىپلى سىستىمىسى.

قان تىپىنىڭ بايقىلىشى:

1900 يىلى ئاۋىستىرىيە ۋىيېنا ئالىي مەكتىپى ئالىمى Karl Landsteiner تۇنجى بولۇپ قان تىپى سىستىمىسىنى بايقىغان بولۇپ، A ، B ۋە O 3 تىپقا بۆلگەن. شۇ يىلى مۇشۇ بايقاش نەتىجىسىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كىيىن بۇ ئالىمنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى A بىلەن B بىللە بولغان AB قان تىپىنى بايقىغان. بۇ Karl Landsteiner ئىسىملىك ئالىم 1937 يىلى Alexander S. Wiener ئىسىملىك باشقا بىر ئالىم بىلەن بىرگە ئىككىنجى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قان تىپى سىستىمىسى يەنى Rh سىستىمىسىنى بايقىغان.

Karl Landsteiner تۇنجى بولۇپ قان تىپى سىستىمىسىنى بايقىغان
Karl Landsteiner تۇنجى بولۇپ قان تىپى سىستىمىسىنى بايقىغان

ABO قان تىپى سىستېىمىسى

قىزىل قان ھۈجەيرىسى يۈزىدىكى ئانتىگېنلار
قىزىل قان ھۈجەيرىسى يۈزىدىكى ئانتىگېنلار

بۇ ABO  ھەم Rh مۇسبەت، Rh مەنپى دىگەنلىرىمىز، قىزىل قان ھۈجەيرىسى يۈزىدىكى ئانتىگېنلەرنىڭ تۈرلىرىگە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى پوستىدا ھەرخىل ئانتىگىنلەر بولىدۇ. بۇ ئانتىگىنلەرنى تونۇش ياكى ئىسىم بېرىش ئۈچۈن ئاساسلىقى ئىككى خىل سىستىمىنى ئىشلىتىمىز. بىرسى ABO قان تىپى سىستىمىسى بولۇپ، بۇ سىستىما بىلەن تونۇلغان ئانتىگىنلەردىن ئىككىسى بار ، بىرسى A يەنە بىرسى B بولۇپ يەنى قىزىل قان ھۈجەيرىسى يۈزىدە A  ياكى B تىپتىكى ئانتىگىن بار، ياكى بولمىسا ئىككىلى ئانتىگىن بار ياكى بولمىسا ئىككىلىسى يوق، بۇ 4 تۈرلۈك ئىھتىماللىق بار. ئەگەر A تىپتىكى ئانتىگىن بولسا، قان زەردابىدىكى مۇشۇ ئانتىگىنىلا تونۇيدىغان، ئەمما ب نى تونۇمايدىغان رازىۋىتچىك يەنى بىر ئانتىبادىنى تەيىنلەيدۇ. بەدەنگە  B قان تىپىدىكى قان بېرىلسە، قان زەردابىدىكى بۇ رازىۋىتچىك ئانتىبادىلەر، بۇ يېڭى كەلگەن قاننى دۈشمەن دەپ ئويلاپ، ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ. يېڭى كىرگەن قان بىلەن كونا قان بىر بىرىگە ئۇيۇشالماي ئاخىرىدا پارچىلىنىپ كېتىپ قان نوكچىسى شەكىللىنىدۇ، ئورگانلار زەخىم ئالىدۇ، ئادەم مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن. A قاننى پەقەت A قان تىپى كىشىلەرگە ياكى AB قان تىپى كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.

ABO قان تىپى سىستىمىسى
ABO قان تىپى سىستىمىسى

B قان تىپى دەل مۇشۇ A قان تىپىنىڭ پائالىيىتىگە تەتۈر بولۇپ، B قىنى بولغان كىشىنىڭ قان تومۇرىدا A غا بولغان ئانتىبادى شەكىللىنىدۇ. A قان بېرىلسە شۇ ئادەم ئۆلۈشى مۇمكىن. شۇڭا B قاننى پەقەت B قان تىپىغا ياكى AB قان تىپى كىشىلەرگە بەرگىلى بولىدۇ.

قان ھۈجەيرىسى پوستىدا، AB ئانتىگىنى بىللە مەۋجۇد بولسا، قان زەردابىدا يا A غا قارشى يا B گە قارشى رازىۋىتچىك ئانتىبادى ئىشلەپ چىقارمايدۇ.

شۇڭا بۇ خىلدىكى ئادەملەر قان ئېلىشنىڭ ئالىدىدا، كەلگەن قاننىڭ ئىچىدىكى رازىۋىتچىك ئانتىبادىنى تازىلىۋەتسىلا، A،B،O ھەممە قاننى ئالالايدۇ. يۇ ئەمما قان بېرەلمەيدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ قان زەردابىدا يا A غا ياكى B گە قارشى رازىۋىتچىك ئانتىبادى بار. قان ئالغۇچىنىڭ قېنىدىكى ئانتىبادىلەرنى پۈتۈنلەي تازىلاپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما بېرىلىدىغان خالتىدىكى قاننىڭ ئىچىدىكى ئانتىبادى لارنى تازىلاش ئىمكانچىلىكى بولىدۇ.

O قان تىپى بولسا، قان ھۈجەيرىسى يۈزىدە يا A ئانتىگېن يوق يا B ئانتىگېن يوق ، شۇڭا O ياكى نۆل دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل قاندىكى زەرداپتا ھەم A غا ھەم B گە بولغان رازىۋىتچىك ئانتىبادى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ قاندىكى بۇ رازىۋىتچىكلەرنى تازىلىۋەتسە، بۇ خىل قاننى ھەرقانداق ئادەمگە بەرگىلى بولىدۇ.  شۇڭا بەزىدە بۇ قاننى ھەممىگە باب قان دىسەكمۇ بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر كۆپساندىكى كىشىلەرگە قان بېرەلەيدۇ.

دۇنيادا O بىلەن A قان تىپىدىكىلە بىر قەدەر كۆپ، B بىر قەدەر ئاز، AB قان تىپىدىكىلەر تېخىمۇ ئاز. ئەمما بۇ يەنىلا شۇ رايوندىى ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

كاللىڭىز قايمۇقۇپ كەتتى بىلىمەن . ئەمدى تېخىمۇ قايمۇقىدىغان بىراز مەزمون بار ئۇنىمۇ دەۋىتەي.

Rh قان تىپى سىستېىمىسى

ئالدىدا يەنە Rh قان تىپى سىستىمىسىنى تىلغا ئالدۇق. بۇنىڭدىمۇ شۇ قان ھۈجەيرىسى يۈزدىكى ئانتىگىنگە قارىتا قويۇلىدىغان ئىسىم سىستىمىسى بولۇپ، بۇ سىستىمدا 49 خىلغا بارغان ئايرىش ئۇسۇلى باركەن. بۇنىڭ ئىچىدە D, C, c, E, ۋە e دەپ 5 تۈر تىببىي ساھەدە بىر قەدەر مۇھىم ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى D ئانتىگىن بارمۇ يوقمۇ شۇنىڭغا قارايدىكەن. بولسا پوزىتىف، بولمىسا نىگاتىف دەپ بەلگىلىنىپتۇ. بايا رازىۋىتچىك ئانتىبادى دىدۇق، ئەمما بۇ Rhنىگاتىف قاندا تۇغما د ئانتىگېنگە قارشى رازىۋىتچىك ئانتىبادى يوقكەن .  پەقەت بىر قىتىم پوزىتىف قان ئالغاندىن كېيىن ئاندىن بەدەندە ئانتىبادى شەكىللەندۈرىدىكەن. شۇڭا بۇ Rh نېگاتىف بولغان كىشىگە ئىككىنجى قېتىم Rh پوزىتىف بەرمەسلىك لازىمكەن. بېرىلسە قان بۇزۇلۇش بولىدىكەن. دۇنيادا 90% كىشىلەرنىڭ قېنى Rh پوزىتىفكەن.

 

Rh قاندىكى ئانتىگىن كۆرۈنۈشى
Rh قاندىكى ئانتىگىن كۆرۈنۈشى

كاللىنى قايماقتۇرىدىغان مەزمونلار تۈگەپ قالدى.

شۇنداق قىلىپ، قېنىمىز بۇ ئىككى تۈرلۈك قان تىپى سىستىمىسىغا ئاساسەن ،

O− O+ A− A+ B− B+ AB− AB+

دەپ 8 تىپ دىسەك بولىدۇ. ئەمدى بۇنىڭدىن سىرت بىر مۇنچە كىچىك تىپلىرى بار، ئەمما ھازىر دۇنيادا مۇشۇ 8 قان تىپىغا ئاساسەن قان بېرىش، قان تەغدىم قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن مېنىڭ B+. ماڭا ئەگەر A− A+ ياكى AB−     AB+ بېرىلسە قېنىم بۇزۇلۇپ ئۆلۈپ كىتىمەن.

 ئوخشىمىغان قان تىپىنىڭ دۇنيادا ئىگەللىگەن نىسبىتى
ئوخشىمىغان قان تىپىنىڭ دۇنيادا ئىگەللىگەن نىسبىتى

ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان قان تىپلىرى

بۇرۇن بەلكىم سىز مۈشۈكئىييىق قېنى، يەنى قىممەتلىك قان، ئاز تېپىلىدىغان قان دەپ ئاڭلىغان بولغىيتىڭىز. يەنى كېسىشتۈرۈپ ھېسابلاپ كەلسەك، ئۇ دەل مۇشۇ 10% Rh نېگاتىفلىق كىشىلەر ئىچىدىكى AB Rh نېگاتىف كىشىلەردۇر. دۇنيا نوپۇسىنىڭ 1%دىكى كىشىلەر بۇ قان تىپىدا ئىكەن.

ئەمما بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك بولغان بىر قان بار، قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتەي. دۇنيادا 43 كىشى بار، بۇلارنىڭ قېنىدا Rh بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئانتىگېنلەر بولمىغان بىر خىل قان. بۇنىڭغا Rh null  دەپ ئىسىم بەرگەن. خەلىق تىلىدا ئالتۇن قان دەپمۇ قويىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرگە ABO  سى ئوخشاش بولغان بارلىق كىشىلەرگە قان بېرەلەيدىكەن يۇ، ئۆزىگە قان لازىم بولغاندا بەك خەتەرلىك ئەھۋال بولىدىكەن. شۇڭا بۇ 43 كىشىلەر كۆپىنچىسى ھەر يىلى ئىككى قېتىم قان بېرىپ زاپاس قىلىپ قويىدىكەن. ئەگەر كەلگۈسىدە  قان لازىم بولۇپ قالسا شۇ قانلارنى ئىشلەتمەكچىكەن.

نۇل قان تىپى، ئالتۇن قان
نۇل قان تىپى، ئالتۇن قان

ئاتا-ئانا ۋە بالىلار ئارىسىدىكى قان تىپى مۇناسىۋىتى

بۇرۇنقى زامانلاردا، قان تىپىنىڭ بىر بىرى بىلەن ئۇيۇشۇش، ئۇيۇشماسلىقى بىلەن بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق قىلىدىغان بىر ئۇسۇل ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئاتا ئانىدا قانداق قان بولسا، بالىدا شۇ خىل ياكى شۇنىڭ بىلەن ماسلاشقان قان تىپى بولىدىكەن. يەنى :

ئاتا ۋە ئانا قان تىپى بالىدا بولىدىغان قان بالىدا بولمايدىغان قان
A ۋە A (ئا ۋە ئا) A, O B, AB
A ۋە B (ئا ۋە ب) A, B, AB, O يوق
A ۋە AB (ئا ۋە ئاب) A, B, AB O
A ۋە O (ئا ۋە ئو) A, O B, AB
B ۋە B (ب ۋە ب) B, O A, AB
B ۋە AB (ب ۋە ئاب) A, B, AB O
B ۋە O (ب ۋە ئو) B, O A, AB
AB ۋە AB (ئاب ۋە ئاب) A, B, AB O
AB ۋە O (ئاب ۋە ئو) A, B AB, O
O ۋە O (ئو ۋە ئو) O A, B, AB

ھازىر ئېكراندا كۆرسەتكىنىمىز ، ئاتا ئانىلارنىڭ قان تىپلىرى بىلەن تۇغۇلىدىغان بالىلاردا بولۇش ئىمكانلىقى بولغان قان تىپلىرىدۇر تىزىملىكىنى چىقىرىپ قويدۇق. قىززىققۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

مەسىلەن ئاتا ئانىدا بىرسى ئا، يەنە بىرسىمۇ بولسا، بالىدا ئا ياكى ئو بولىدىكەن. ب ياكى ئا ب مۇمكىنچىلىكى يوقكەن. مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭكىنى بالىڭىزنىڭكىنىمۇ ھىسابلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.

بۇرۇن بۇ تىزىملىكنى يۈزدە يۈز توغرا دەيتى. ھازىرمۇ ھىلىھەم كۆپىنچە كىشىلەر مۇشۇ ئۇسۇلغا كۆنۈپ قالغان دوختۇرخانىدا بالىنى قان تىپىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزى قارارلارنى بېرىدۇ. ئەمما ھازىر پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ ABO قان تىپلىرىنىڭ ئىچىدە كىچىك خاتالىقلار بولىدىغانلىقى تېپىپ چىقىلغان. شۇڭا بالىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئەمەسمۇ بىلىش ئۈچۈن گېن تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغان. بالىڭىزنىڭ قېنى يۈزمىڭدە 1 ئىھتىماللىقى بىلەن يۇقارىدا دەپ ئۆتكەن فورمۇلاغا چۈشمەي قېلىشى مۇمكىن.

ئاخىرقى دەيدىغان مەسىلە: قان تىپىمىزنى قانداق بىلەلەيمىز؟

قان تىپىڭىزنى بىلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانىدا قان تىپىنى تەكشۈرتىشىڭىز لازىم. بۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشىمدىكى سەۋەب، نورمالدا دوختۇرخانىغا بارغىنىڭىزدا بەزىدە قېنىڭىزنى تەكشۈرىدۇ. ئەمما بۇ تەكشۈرۈشلەر ئىچىدە قان تىپىڭىز چىقمايدۇ. كۆپىنچە دوختۇرخانىلاردىكى قان تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قاندىكى ياللۇغ، قانسىزلىق بارمۇ يوق، قاندىكى تۇز ماددىلىرى، ۋە باشقا نەرسىلەرنى تەكشۈرىدۇ. ئەمما قان تىپى ئادەتتە ئۆزگەرمىگەچكە، شۇڭا ھەر قىتىم دوختۇرخانىغا قان تەكشۈرگەندە قان تىپىنى تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ. ئۇنى چوقۇم سىز دوختۇردىن تەلەپ قىلىشىڭىز لازىم.

تۈركىيەدە ئادەتتە ساقلىق پونكىتى، يەنى ساغلىق ئوجاغىدا ئالاھىدە تەلەپ قىلىپ تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە دوختۇرخانىلارنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرى تەكشۈرەلەيدۇ، ئەمما بۇنى دوختۇردىن تەلەپ قىلىشىڭىز لازىم.

قان تىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. مەزمون ئىچىدە پايدىلانغان ئۇچۇر مەنبەلىرىنى مەزمون قىسمىغا يېزىپ قويدۇم. قىززىققۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار، ئاللاھقا ئامانەت!

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

https://en.wikipedia.org/wiki/Karl_Landsteiner
https://en.wikipedia.org/wiki/Rh_blood_group_system
https://en.wikipedia.org/wiki/Human_blood_group_systems
https://en.wikipedia.org/wiki/ABO_blood_group_system
https://www.blood.co.uk/why-give-blood/blood-types/
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-04-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-19 / 08:40:35

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ