ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقكۆپ تەرلىگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن دەرھال يۇيۇنۇشنى تەۋسىيە قىلمايمىز؟

كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن دەرھال يۇيۇنۇشنى تەۋسىيە قىلمايمىز؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياز كۈنلىرى ئادەم ئاسانلا چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدۇ،سىرتتىن ئۆيگە قايتقاندا ياكى ھەرىكەت قىلىپ بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەندە دەرھال يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، مەيلى جۇڭيى تېبابىتى ياكى ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى نۇقتىسىدىن بولسۇن، بۇ خىل ئۇسۇل سالامەتلىككە زىيانلىق.

كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن دەرھال يۇيۇنۇشنى تەۋسىيە قىلمايمىز؟

تەرلىگەندىن كېيىن دەرھال يۇيۇنسا بەدەنگە زىيانلىق

جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپ تەرلەش ياكى قاتتىق ھەرىكەتتىن كېيىن يۇيۇنۇش تېرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئىسسىقلىقنى «چىقىرىش» ئۈنۈمىگە يېتىشىگە پايدىلىق. لېكىن تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دەرھال يۇيۇنغىلى بارماسلىق كېرەك.

كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن، بەدەندىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئىسسىقتىن ئېچىلىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، دەرھال يۇيۇنغاندا بەدەن ۋە تېرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

 

ئاسانلا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ، دانىخورەك چىقىدۇ

جۇڭيى تېبابىتىدە «تەرلىگەندە نەملىك كۆپەيسە دانىخورەك چىقىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، تەرلىگەندىن كېيىن، تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە بىر قەۋەت ماي ۋە تەر بولىدۇ، ئەگەر دەرھال يۇيۇنغاندا «نەملىك»نى كۆرسە، ماي بىلەن بىرىكىپ، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ ياكى دانىخورەك چىقىدۇ.

 

بەدەندە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئىسسىق سۇ قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئەسلىدىلا كۆپۈپ كەتكەن قان تومۇر ۋە تەر تۆشۈكچىلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، قاننىڭ تېرە ۋە مۇسكۇللارغا ئېقىشىنى كۆپەيتىدۇ، ئېشىپ قالغان قان يۈرەك ۋە چوڭ مېڭە قاتارلىق ئەزالارنى تەمىنلەشكە يەتمەيدۇ، بەدەندە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش يۈرەك قان تومۇرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ

سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرىقى نەپەس يولىدىكى قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىسمەن جايلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاسانلا زۇكام، شامالدارىش ۋە كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، قىل قان تومۇرلار سوغۇقتا جىددىي قىسقىراپ، بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ئازىيىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى نورمالسىزلىشىدۇ.

پۈتۈن بەدىنىم تەرلەپ كەتكەندە، ئازراق ئارام ئېلىۋېلىپ، ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش كېرەك.

 

كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى قىلماڭ

نورمال تەرلىسە، ئىسسىقلىق تارقىتىشقا، ماددا ئالمىشىشقا ياردەم بېرىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. لېكىن تەرلىگەندىن كېيىن، بىر قانچە ئىشنى خاتا قىلسا، ئاسانلا زۇكام، باش ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىقلار كۆرۈلىدۇ.

 

سوغۇق شامالغا ئۇدۇل تۇرۇشقا بولمايدۇ

تەرلىگەندىن كېيىن دەرھال ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيگە كىرسە، ئۇ تۇرغان مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زۇكام، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىدە ئاساسىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، كېسەل بولغان ئادەمگە تېخىمۇ پايدىسىز.

ئۆي ئىچى-سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنى ℃ 8~℃ 10 قىچە كونترول قىلىش كېرەك. ھاۋا تەڭشىگۈچنى تەبىئىي شامال، ئۇخلاش ھالىتىگە تەڭشەشكە بولىدۇ، يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچ توسۇش تاختىسى قوشۇپ، شامالنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

 

كۆپ مىقداردا مۇز سۈيى ئىچمەسلىك كېرەك

تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر سوغۇق سۇ ياكى مۇزدەك سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسى تۇيۇقسىز سوۋۇپ، ئەسلىدىكى قىل قان تومۇرلار تارىيىپ، ئاشقازان-ئۈچەي، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ خىل «تۇيۇقسىز سوغۇق» قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە كەپلەشمىسى قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئۇزۇن ۋاقىت ھۆل كىيىم كىيمەسلىك كېرەك

كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن، كىيىملەرمۇ ھۆل بولۇپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ۋاقتىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش، ئۇزۇن ۋاقىت ھۆل كىيىم كىيمەسلىك، زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

تەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە تېرىنى غىدىقلايدۇ، ئەگەر كىيىمنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچار بولسا، تەرگە چىلىنىش مالاسسېرىيە تۈك خالتىسى ياللۇغى، ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ھەمىشە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا تۇرماسلىق كېرەك

تومۇز كۈنلىرى تېمپېراتۇرا يۇقىرى، نەملىك يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەرلىگەندىن كېيىن، «ئىسسىق مۇھىت»تىن ۋاقتىدا ساقلىنىپ، بىر قەدەر سالقىن، قۇرغاق مۇھىتقا كىرىپ، بىئاراملىق تۇيغۇسىنى پەسەيتىش كېرەك.

 

تەرلىگەندىن كېيىن قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ساغلام بولغىلى بولىدۇ

كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى قىلىش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق.

لۆڭگە بىلەن تەرنى سۈرتۈش

ئەڭ ياخشىسى قۇرۇق لۆڭگە ياكى ئىلمان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا تېرىنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرى ۋە قىل قان تومۇرلىرى تېز ئېچىلىدۇ، بۇ ئىسسىقلىقنىڭ تېخىمۇ ياخشى تارقىلىشىغا پايدىلىق.

ئەگەر سوغۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتسە، تېرە سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، تەر تۆشۈكچىلىرى چىڭ ئېتىلىپ، قىل قان تومۇرلار تارىيىپ، بەدەندە يىغىلىپ قالغان ئىسسىقلىق تارقىلىپ كېتەلمەي، ئادەمنى تېخىمۇ بىزار قىلىدۇ.

نورمال تېمپېراتۇرىدىكى سۇنى ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك

كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن سوغۇق سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇسسىغاندا ئاۋۋال ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ، ئۇسسۇزلۇق دەرىجىسىنى يېنىكلىتىش كېرەك؛ 10 مىنۇتتىن كېيىن بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئاز مىقداردا ئېلېكترولىت سۈيى ئىچىپ، كۆپ تەرلەپ يوقاتقان تۇز تەركىبىنى تولۇقلىسا بولىدۇ.

يېرىم سائەتتىن كېيىن كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 150 مىللىلىتىرغىچە بولسا بولىدۇ، بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇشقا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلسىڭىز، 3~5 مىنۇتتىن كېيىن يەنە ئازراق ئىچىڭ.

ئازراق چۈچۈمەل تەملىك يېمەكلىك يېيىش كېرەك

ئادەتتە كۆپ تەرلەيدىغان كىشىلەر پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تەركىبىدە كالتسىي كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى، شۇنىڭدەك ياڭيۇ، موگۇ قاتارلىق تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

يەنە B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، قىزىل پۇرچاق، ماش، سۇلۇ قاتارلىق قارا ئاشلىقنى كۆپ يېيىش، ھايۋانات جىگىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا يېيىش كېرەك.

جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چۈچۈمەل تەم تەرنى يىغىپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، بەدەن سۇيۇقلۇقى ھاسىل قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىدۇ، ئاچچىق چىلان، ئۈزۈم، دولانا، بۆلجۈرگەن، ئاناناس، مانگو، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق چۈچۈمەل تەملىك مېۋىلەرنى يېسە بولىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/26866173.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-04-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-04-01 / 10:59:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ