ئانائېروبىك چېنىقىش
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئوكسىگىنسىز چېنىقىش, ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت, ئوكسىگېنسىز چېنىقىش
Anaerobic exercise
无氧运动
anaerobik egzersiz
بۇ خىل ھەرىكەت بولسا، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، قىسقا ھەم تېز يۈگۈرۈش، ئېگىزگە ياكى يىراققا سەكرەش، ئىتتىك زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇش، قول ۋە پۇت ئۇچى بىلەن يەرنى تىرەپ يېتىپ يۇقىرى تۆۋەن ھەرىكەتلىنىش تەنھەرىكىتى (فوسىڭ ئىشلەش)، تورنىك تارتىش … قاتارلىقلاردا ئىسسىقلىق ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن ماي، ئاقسىللارنى پارچىلاشقا ۋاقىت يەتمەي قېلىپ، پەقەت پارچىلاشقا ئەڭ ئاسان بولغان شىكەر تۈردىكى ماددىيلارنى ئوكسىگىن ئىشلەتمەي تۇرۇپلا پارچىلاپ ئىسسىقلىق ئىشلەپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇنى ئوكسىگىنسىز ھەرىكەت دەپ ئاتايدۇ. ۋە بۇ خىل خېمىيىۋىلىك پائالىيەت پەقەت مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزىدىكى مىتوكوندرى دىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق مۇسكۇل گۈزەللىشىدۇ يۇ، ئانچە ئورۇقلىيالمايدۇ.