كۆپىنچە ياشانغانلار قەۋزىيەتنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئۈچىيىدە مەسىلە بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمەلىيەتتە قەۋزىيەتنى ئۇيقۇسىزلىق ياكى تۇرمۇشنىڭ رىتىمسىزلىقى پەيدا قىلىدۇ
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«ئادەم ۋاقتىدا ئۇخلىمىسا بەدەن زەئىپلىشىپ مەنپىيلىكى ئېشىپ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ ــ دە، چوڭ تەرەت قېتىۋالىدۇ. ئەگەر ئادەم يېرىم كېچىگىچە ئۇخلمىسا، ئۈچەي قۇرۇپ ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، بەدەننىڭ ئىممۇنتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈچەينىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، گېمورويغا ئوخشاش ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ».
مۇتەخەسسىلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«تۇرمۇشىمىزدا قەۋزىيەتنى داۋالايدىغان نۇرغۇن ئۇسۇل بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ‹ئۇخلاش ۋاقتىنى تەڭشەش› ئەڭ ئاقىلانە چارە؛ ئادەتتە ياشانغانلار كەچتە چېنىقماي مۇزىكا ئاڭلاپ، پۇتىنى يۇيۇپ بالدۇرراق ئۇخلىسا، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدۇ، بۇ ئۇسۇل قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلارغىمۇ باب كېلىدۇ».