قالقانسىمان يان بەز
ئۇيغۇرچە باشقا ئىسىملىرى:
قوشۇمچە قالقانبەز، قالقان يان بەز
parathyroid gland
甲状旁腺
paratiroid bezi
قالقانسىمان بەزنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان تۆت-ئالتە تالغىچە بولغان كىچىك بەزنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلاردا PTH قوشۇمچە قالقانسىمان بەز ھورمونى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. قاندا كالتسىي تۆۋەنلەپ كەتسە، سۆڭەكتىكى كالتسىنى قانغا ئۆتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قالقانسىمان بەز زەخىمگە ئۇچرىغاندا، مەسىلەن ياللۇغ، رادىئاكسىيە، ئوپىراتسىيەلەردە قالقانسىمان يان بېزىمۇ تەڭ زەخىمگە ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە قاندىكى كالتسىيدا، ۋىتامىن د ۋە فوسفور قىممەتلىرىدە بۇزۇلۇش بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى كالتسىينىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئاخىرىدا سۆڭەك شالاڭلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش بولىدۇ. ( چۈنكى PTH ئازلاپ كەتسە، ئۈچەيلەردە كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىمۇ تەڭ ئازلاپ كېتىدۇ. )