كىچىك ئاتېرىيە تومۇر
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
قىل ئارتېرىيە تومۇر, ئاتېرىيە كىچىك تومۇر
Arteriole
小动脉
atardamarcık
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
arteriyol
ئارتېرىيە چوڭ تومۇرلار ۋەيا غول تومۇرلار قىل تومۇرغا بارغىچە ئارىلىقتا كىچىكلەپ ماڭىدۇ. بۇ قىسىمدىكى ئوتتۇرانجى ۋە سەل كىچىك بولغان چوڭلۇقتىكى ئارتېرىيە تومۇرلىرىنى كىچىك ئارتېرىيە تومۇرلار ۋەيا ئارتېرىئول دەپمۇ ئاتايدۇ.
كىچىك ئارتېرىيە تومۇرلارنىڭ رولى ئارتېرىيە تومۇرىغا ئوخشاش، ئاساسلىقى قان توشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشىپ كەتمەيدۇ. ئوكسىگىن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىغا مول بولغان قانلارنى قىل تومۇرلارغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش رولىغا ئىگە.
تۆۋەندىكى جەدۋەلدىكى ئارتېرىيە قىسمىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
ئارتېرىيە | قىل تومۇر | ۋېنا | |
دىۋار تېمى | ئەڭ قېلىن | ئەڭ نېپىز | ئورتا |
ئىچ دىئامىتىرى | ئورتا | ئەڭ كىچىك | ئەڭ چوڭ |
ئىلاستىكىلىقى | ئەڭ كۈچلۈك | يوق دىيەرلىك | ئورتا |
قان ئېقىش سۈرئىتى | ئىتتىك | ئەڭ ئاستا | ئورتا |
قان بېسىمى | يۇقىرى | ئورتا | تۆۋەن |
رەڭگى | قىزىل رەڭدە (ئۆپكە ئارتېرىيەدىك قان رەڭگى قارامتۇلسىمان قىزىل) |
قارامتۇلسىمان قىزىل | قارامتۇلسىمان قىزىل(ئۆپكە ۋىنادىكى قان رەڭگى قىزىل) |
قان ئېقىش يۆلىنىشى | يۈرەكتىن كىتىدۇ | ئارتېىريەدىن ۋىناغا قاراپ | يۈرەككە قاراپ ماڭىدۇ |
ماددا ئالماشتۇرۇش | يوق | ئاساسلىق ئورۇن | يوق |
ئاق قان دانچىلىرى تىشىپ ئۆتۈشى | يوق | ئاساسلىق ئورۇن | يوق |
قان ئېقىش ئالاھىدىلىكلىرى | 1) يۈرەكنىڭ قىسقىراپ كېڭىيىشى
2) ئاتېرىيە تومۇر دىۋارى ئىلاستىكىلىقى 3) ئارتېرىيە تومۇر سىلىق مۇسكۇلى قىسقىراش |
1) ئاستا ئاقىدۇ
2) قىزىل قان دانچىلىرى تىزىلىپ ئۆتىدۇ |
1) ۋېنا ياپراقچىسى قاننىڭ ئارقىغا يېنىشىنى توسايدۇ
2) نەپەس ئالغاندا يۈرەككە قاراپ قان ماڭىدۇ 3) ئىسكىلىك مۇسكۇلى قىسقىرىغاندا قان سىقىلىپ يۈرەككە قاراپ ئىتتىلىرىدۇ |
رولى | پاكىز قاننى بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە توشۇش | ماددا ئالماشتۇرۇش | بەدەندىكى قاننى يۈرەككە توشۇش |