قىسقىرىش قان بېسىمى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
قىسقىراش قان بېسىمى, قىسقىرىش بېسىمى, قان بېسىمى يۇقىرىسى
Systolic blood pressure
ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
systolic pressure
收缩压
sistol kan basıncı
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
sistolik basınç
يۈرەك قاننى پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن قىسقىراپ سىقىلىپ قانلارنى سىقىپ چىقىرىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتىكى تومۇردىكى قاننىڭ تومۇر ئىچ دىۋارىغا شەكىللەندۈرگەن قان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ. نورمالدا بۇ قان بېسىمى كېڭىيىش قان بېىسمىگە نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.
بۇ قىسقا دەۋىرنى قىسقىرىش دەۋرى، قىسقىراش دەۋرى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ.
قان بېسىمى ئۆلچىگۈچلەردە كۆرۈلگەن 120/80 دىگەن بۇ نەتىجىدىكى چوڭراق بولغان سان 120 قىسقىرىش قان بېسىمىدۇر.
بىرسى سىزنىڭ قان بېسىمىڭىزنى ئۆلچەپ قويغاندا، «قان بېسىمىڭىزنىڭ يۇقىرىسى 120 ئىكەن » دىيىشى مۇمكىن.
بۇ سۆزنى يۇقىرى قان بېسىمى دىگەن سۆز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.
قىسقىراش بېسىمى: 收缩压, Systolic blood pressure, sistol kan basıncı
كېڭىيىش بېسىمى: 舒张压, Diastolic blood pressure, diastol kan basıncı
قىسقىراش دەۋرى، mmHg | كېڭىيىش دەۋرى، mmHg | |
تۆۋەن قان بېسىمى | < 90 | < 60 |
نورمال قان بېسىمى | 90–119 | 60–79 |
ي.ق.ب دەسلەپكى دەۋرى | 120–129 | 60–79 |
1-دەرىجىلىك ي.ق.ب | 130-139 | 80-89 |
2-دەرىجىلىك ي.ق.ب | >140 | >90 |
ي.ق.ب كرىزىسى | ≥ 180 | ≥ 120 |
قىسقىراش دەۋرى ي.ق.ب | ≥ 140 | < 90 |
كېڭىيىش دەۋرى ي.ق.ب | < 140 | ≥ 90 |
ي.ق.ب: يۇقىرى قان بېسىمى
ACC/AHA/AAPA/ABC/ACPM/AGS/APhA/ASH/ASPC/NMA/PCNA Guideline for the Prevention, Detection, Evaluation, and Management of High Blood Pressure in Adults: A Report of the American College of Cardiology/American Heart Association Task Force on Clinical Practice Guidelines» |
تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ: