لوڭقا قويۇش
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
لوڭقا قويۇپ داۋالاش, لوڭقىلىق داۋالاش, ھاجامات, خاجامات,ھىجاما, خىجامات
cupping
拔罐
hacamat
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
bardak çekme, Kupa çekme, kupa tedavisi
لوڭقا قويۇپ داۋالاش ، بەدەننىڭ بەزى نوقتىلىرىغا لوڭقىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىپ، مەنپىي ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق تارتىش شۈمۈرۈش كۈچى شەكىللەندۈرۈپ جايلاشتۇرۇش، ۋە بۇ ئارقىلىق شۇ نوقتىلاردىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ تۇرۇپ بەدەننى داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ئەنئەنىۋىي داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.
لوڭقا قويۇپ داۋالاشنىڭ بىرقانچە خىل شەكلى بار. مەسىلەن قۇرۇق لوڭقا قويۇش ئۇسۇلى، مايلاپ تۇرۇپ لوڭقا ماڭدۇرۇش ئۇسۇلى، لوڭقا قويۇپ قان ئېلىش ئۇسۇلى ۋە باشقىلار..
ھاجامات ئەرەپچە سۆز بولۇپ، قان ئېلىپ داۋالاش دىگەن مەنىدە. شۇڭا ھاجامات پەقەت لوڭقا قويۇپ داۋالاشنىڭ مەلۇم بىر تۈرى ھىساپلىنىدۇ. تۈركىيەدە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىدە، ھاجامات بۇ سۆزى بەزى ۋاقىتلاردا لوڭقا قويۇپ داۋالاش بىلەن ئوخشاش ئورۇندا ئىشلىتىدۇ.