ۋاكسىنا ئۇرۇش بالىلار ئۈچۈن بەكلا مۇھىم بىر ئىش. ۋاكسىنا ئۇرۇش ئارقىلىق بەزى خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ۋاكسىنا ئۇرغاندىن كېيىن بالىلاردا پەيدا بولغان قايسى ئەھۋاللار نورمال، قايسىلىرى نورمال ئەمەس؟
يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا، بىز تۆۋەندە بىر قىسىم قوللىنىشچان ئۇچۇرلارنى رەتلەپ چىقتۇق. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ پايدىسى بارمۇ؟
ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن، پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئائىلە باشلىقلىرىدا ۋاكسىنىدىن قورقۇش كېسىلى پەيدا بولۇپ قالغان. ھەر خىل ياخشى بولمىغان ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن بالىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى كەينىگە سۈرۈش ياكى بالىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويۇش سەۋەبلىك ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئاتا-ئانىلاردا بالىغا ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر خاتا قاراش بولۇپ، يەنى ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولمايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ۋاكسىنا ئەملەش پەقەت ئاكتىپ ياكى پاسسىپ ھالدا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش بولۇپ، يۈزدە يۈز شۇ كېسەللىك ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرالايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.
ئەگەر كېسەللىكنى دۈشمەنگە ئوخشاتساق، ۋاكسىنا ئەملەش خۇددى ئۇرۇشتىن بۇرۇن مانىۋېر قىلغاندەك ياكى ئەسكەر كۆپەيتكەندەكلا بىر ئىش. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسىنى قوللىنايلى، ئۇرۇشتا چوقۇم غەلبە قىلىمىز، دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقىمىز چوڭىيىدۇ، خالاس.
2.قانداق ئەھۋال ئاستىدا بالىغا ۋاكسىنا ئەملىتىشكە بولمايدۇ؟
ئادەتتە بالىلارغا ئەملىگەن ۋاكسىنا ئاكتىپ مۇداپىئەلىنىش شەكلىدىكى ۋاكسىنا بولۇپ، بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ رولى بىر قەدەر ئۇزۇن، بەدەننىڭ ئۆزىنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق كېسەلگە تاقابىل تۇرىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەتكەن «مانىۋېر» جەريانىدا، گەرچە «دۈشمەن» نىڭ «ئوقى» يوق ياكى ئۆلتۈرۈش كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر بالىنىڭ بەدىنى بىر قەدەر ئاجىز ھالەتتە تۇرغاندا ۋاكسىنا ئەملىسە ناھايىتى ئاسانلا ياخشى بولمىغان ئالامەتلەر بولىدۇ، ھەتتا ئۆلۈم ئەھۋاللىرى چىقىشى مۇمكىن.
چۈنكى زۇكام بولغان، قىزىپ قالغان، قۇسقان، ئىچى سۈرگەن ئەھۋاللار بار بولغان بالىغا مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرغاندا بەلكىم كېسلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بالىنىڭ كېسىلى ياخشىلانغاندىن كېيىن مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرغۇزۇش كېرەك.
ئاچ قورساق ياكى بەك توق ھالەتتە ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ. ئادەتتە ۋاكسىنا ئەملەشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن تاماق يېگۈزۈش كېرەك. بىر قىسىم ۋاكسىنىلارنىڭ تەلىپىدە ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن يېرىم سائەت ئىچىدە بالىغا سۇ ياكى سۈت بېرىشكە بولمايدۇ.
زىققا كېسىلى، ھۆل تەمرەتكە بولغان ياكى سەزگۈر بەدەنلىك بالىلارغا ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بېرىدۇ، يەنە بۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە بولغان كېسەللىكلەر بار ئىكەن. شۇڭا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ئېنىق سوراش كېرەك.
3.ۋاكسىنا ئەملەشتە دىققەت قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىشلار
نۇرغۇنلىغان ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرى ئۆلچەملىك بولمىغان داۋالاش ئورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا كېلىپ چىققان. شۇڭا، ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن، ئائىلە باشلىقلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىنىڭ داۋالاش سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن بۇرۇن: بالىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش قىلىش كېرەك. ئەگەر قىزىش، زۇكام قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا دوختۇر بىلەن كېلىشىپ كېيىنكى قېتىمدا ئەملەش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملەۋاتقاندا: يېشى چوڭراق بولغان بالىنىڭ مۇداپىئە ئوكۇلىنى باشتا ئۇرۇش كېرەك. بالىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش، بەك يىغلاپ كەتسە دىققىتىنى تارتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىش، مۇشۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئوكۇل ئۇرغاندىكى ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن، بالىنى زىيادە ئورىماسلىق ياكى بەك نېپىز كىيىندۈرمەسلىك كېرەك. بۇنىڭدا تەر چىقىش ياكى سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ كېسەل بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ۋاكسىنا ئەملەپ يېرىم سائەت ئىچىدە، ۋاكسىنا ئەملىگەن يەردە تۇرۇپ بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش لازىم.
ۋاكسىنا ئەملىگەن كۈنى بالىنى يۇيۇندۇرماسلىق كېرەك. بۇ بالىنىڭ زۇكام بولۇشىدىن ياكى يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. بالىغا پات-پات سۇ تولۇقلاپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى بېرىش كېرەك.
ۋاكسىنا ئەملەپ ئۈچ كۈن ئىچىدە بالىنى ناھايىتى قاتتىق كۆزىتىش لازىم. ئەگەر بالىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
4.ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى نورمال ئالامەتلەر
ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ئازراق قىزىش، ئوكۇل ئۇرغان جاي قىزىرىش ياكى قاتتىق مۇنەكچە پەيدا بولۇش نورمال ئەھۋال. بىر قىسىم ئوكۇل دورىسىدىن باشقا ئائىلە باشلىقلىرى يارا ئېغىزىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قاتتىق مۇنەكچىنى يوقىتىشقا بولىدۇ.
ئەگەر داۋاملىق قىزىتمىسى ئۆزلىسە ياكى ئىششىسا، قاتتىق مۇنەكچە يوغىناپ كەتكەندە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كەينىگە سۆرىشى بىلەن بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدىغان ھەتتا بالا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىممۇنىتېت كۈچى بالىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان قالغانغا ئوخشايدۇ. ۋاكسىنا بولسا بۇ قالقاننى تېخىمۇ قېلىن ھەم مۇستەھكەم قىلىدۇ. مەيلى قانداق ۋاكسىنىنى تاللاڭ، ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ۋاكسىنا ئەملەشتىكى ئاساسلىق بىلىملىرىڭىز بولۇشى، ئۆلچەملىك داۋالاش ئورنىنى تاللىشىڭىز، دوختۇر بىلەن ياخشى پىكىرلىشىشىڭىز ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىز كېرەك.
بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۈمىدى، بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، دۇنيانىڭ ئەتىسى. شۇڭا بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ناھايىتى مۇھىم.