يۈرەك ئاۋازى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
قەلپ ئاۋازى, يۈرەك تاۋۇشى
heart sound
心音
kalp sesi
يۈرەك سوققاندا چىققان دۇك دۇك ئاۋازنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ ئاۋازلار يۈرەك كلاپانلىرى يېپىلىش جەريانىدا چىققان ئاۋازلاردۇر.
مېدىتسىنادا S بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئىنگىزچە SOUND ھەرىپىنىڭ قىسقارتىلمىسى. نورمالدا ھەر بىر قېتىم يۈرەك سوققاندا دۇك دۇك قىلغان S1,S2 ئىككى ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. بەزى بىنورمال ئەھۋاللاردا S3, S4 قاتارلىق قوشۇمچە ئاۋازلارمۇ ئاڭلىنىدۇ.
ئىككى ئۇچلۇق كلاپان ۋە ئۈچ ئۇچلۇق كلاپان ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يېپىلىدۇ ۋە بىرىنجى يۈرەك ئاۋازى S1 ئاۋاز شەكىللىنىدۇ.
غول تومۇر كلاپانى ۋە ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى ئوخشىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا يېپىلىدۇ ۋە ئىككىنجى يۈرەك ئاۋازى S2 ئاۋاز شەكىللىنىدۇ.