ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەرلەرنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئادەتتە ئىسپېرمىنىڭ ئاياللارنىڭ كۆپىيىش يولىدىكى يۆتكىلىش سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئەرلەرنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ، تۇغماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ئامىللار ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى ۋە ھاياتىي كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئامىللارنى چۈشىنىش ھەمدە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئەرلەرنىڭ جىنسىي ساغلاملىقىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.
ئىسپېرما ھاياتىي كۈچى تۆۋەن بولغان كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلىرى
تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ساغلام بولماسلىقى : ناچار تۇرمۇش ئادىتى، مەسىلەن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تۈنەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىل. تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشتىكى زىيانلىق ماددىلار ئىسپېرمىنىڭ DNA قۇرۇلمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ نورمال ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇزاق مۇددەت تۈنەش ۋە يۇقىرى بېسىم ئەرلەرنىڭ ھورمۇن تەڭپۇڭلۇقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىسپېرما سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
يېمەك – ئىچمەك تەكشى بولماسلىق : تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېئاكتىپ، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولغان يېمەك – ئىچمەك كەمچىل بولسا، ئىسپېرمىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. مەسىلەن ،ۋىتامىن C، سىنك ،سېلېن قاتارلىق ئېلېمېنتلار كەمچىل بولسا ،ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئىسپېرما ھاسىل بولۇش جەريانىدا كۆپ خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوللىشىغا موھتاج بولىدۇ، ئەگەر يېمەك – ئىچمەك تەڭپۇڭ بولمىسا، ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.
مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاشكارىلىنىش : بۇلغانغان مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت ئاشكارىلانسا، مەسىلەن، ئېغىر مېتال، دېھقانچىلىق دورىسى، سانائەت خىمىيەۋى بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئىسپېرمىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىت ئۇرۇقداننىڭ ئىسپېرما ئىشلەپچىقىرىشىغا روشەن پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا تۇرغاندا، مەسىلەن، ئىسسىق سۇدا كۆپ يۇيۇنغاندا ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق خىزمەت مۇھىتىدا تۇرغاندا، ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ.
كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى : بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن، دىئابېت كېسىلى، سېمىزلىك، قالقانسىمان بەز مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسپېرمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ھاياتىي كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەر قاتارلىقلارمۇ ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىسپېرما ھاياتىي كۈچىنى قانداق ياخشىلاش كېرەك؟
تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش : تاماكا، ھاراققا چەك قويۇش، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشنى ساقلاش ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ياخشىلايدۇ. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلىغاندا، ئىسپېرمىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش : كۆكتات، مېۋە – چېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، دانلىق زىرائەت قاتارلىق ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلىغاندا، ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ تەركىبىدە سىنك، سېلېن ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، كاۋا ئۇرۇقى، پالەك ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئىسپېرمىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆرۈنەرلىك ياردەم بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋاپىق مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە Omega – 3 ياغ كىسلاتاسىنى قوبۇل قىلىشمۇ ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا پايدىلىق.
يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتىن ساقلىنىش : ئىمكانقەدەر ھور مۇنچىسى، ھور ئۆيى ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشتىن ساقلىنىش، ئۇرۇقداننىڭ ئۇزۇن ۋاقىت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان كىيىملەرنى تاللىغاندا، ئۇرۇقداننىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ياخشىلاشقىمۇ پايدىلىق.
قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش : ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى، مەسىلەن قەنت كېسىلى، قالقانسىمان بەز مەسىلىسى ياكى ئىسپېرمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا كېسەللەر بولسا، بالدۇرراق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپىيىش سىستېمىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يۇقۇملىنىش ياكى باشقا مەسىلىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى، يېمەك – ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقى، مۇھىت ئامىلى ۋە ساغلاملىق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتىن ساقلىنىش ۋە قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ئەرلەر ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، تۇغۇت ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ئەگەر ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولسا، ۋاقتىدا دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، كەسپىي داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.