ھۈجەيرە ئەزالىرى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ھۈجەيرە ئاپپاراتى, ھۈجەيرە ئاپارات, ھۈجەيرە ئاپپارات
cell organelles
ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
cell crgan, cytoplasmic organoids, organella, organelle
细胞器
hücre organelleri
ئالاھىدىلىكى: ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدە، ھەرخىل روللارغا ئىگە ئەزالىرى بولىدۇ. مەسىلەن پلازما ئىچى تورى، گولگى تەنچىسى، ئېنزىم ئېرىتكۈچى تەنچىسى، خوندروسوم، رىبوزوم…. قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈجەيرىنىڭ ئىچىنى شەكىللەندۈرۈش، ھەرخىل ئاقسىللارنى، ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىش، ماددا ئالماشتۇرۇش، ئوزۇقلۇقلارنى سىڭدۈرۈش، كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش … قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قىلىدۇ. ھۈجەيرىنى بىر زاۋۇتنىڭ كىچىك بىر سېخى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ، ۋە ھۈجەيرە ئىچىدىكى بۇ ئەزالىرىنى ، زاۋۇتنىڭ ئىچىدىكى زاپچاس ئىشلەيدىغان ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.