قېرىلىق كېسىلى ئادەتتە 60 ياشتىن ئاشقان قېرى ئادەملەرنىڭ , يەنى قېرىلىق دەۋرىدە بولغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ
قېرىلىق كېسىلى 老年病
1.قېرىلىق كېسىلىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى
قېرىلىق كېسىلى ئادەتتە 60 ياشتىن ئاشقان قېرى ئادەملەرنىڭ , يەنى قېرىلىق دەۋرىدە بولغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ قېرىلارغا خاس بولغان كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . قېرىلىق ئادەم ھاياتىدىكى ئالاھىدە بىر مەزگىل , قېرىلىق دەۋرىدە مۇپتىلا بولغان كېسەللىكلەر ياشلىق دەۋرىگە ئوخشىمايدۇ , كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى , راۋاجلىنىشى ھەم ساقىيىشى ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىدە بولغان رىتىمچانلىقى ھەم ئالاھىدىلىكى بار , شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرخىل كېسەللىك ئوخشىمىغان ئوتتۇرا ھەم قېرى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار .
2. قېرىلىق كېسىلىنىڭ تۈرلىرى
ئادەتتە قېرى ئادەملەرنىڭ كېسىلىنى كېسەل پەيدا بولۇش ۋاقتىغا ئاساسلىنىپ ئۈچ تۈرگە ئايرىيمىز : 1 تۈر كۆپىنچە قېرىلىق مەزگىلىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ,مەسىلەن قېرىلىق دۆتلىك كېسىلى , قېرىلىق مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش , قېرىلىق كاتاراكتىسى قاتارلىقلار . 2تۈر ياشلىق دەۋرىدىلا كۆرۈلىدىغان بەزى كېسەللىكلەر قېرىغاندا كۆرۈلۈش نىسپىتى يۇقىرىلاش , مەسىلەن , يۇقىرى قان بېسىم , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىش خاراكتىرلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار , 3تۈر قېرىلىق ھەم ياشلىقتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر , مەسىلەن زۇكام , ئۆپكە ياللۇغى , ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلار .
3.قېرىلىق كېسىلىنىڭ ئاساسلىق كېسەل سەۋەبلىرى
قېرىلىق كېسەللىكلىرى يېشى ,جىنسى , خىزمىتى , شەھەر رايونلىرىنى ئوخشىماسلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا , شۇڭلاشقا رايونلارنغا تارقىلىش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ پەرق بار . كۆپىنچە قېرىلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسپىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىلايدۇ . ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا , ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھتىد بولۇۋاتقان ئاساسلىق10خىل ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە : يۇقىرى قان بېسىمى , تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , ئۆسمە , كاتاراكتا , ئاستاخاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , مەزى بېزى ياللۇغى , رىماتىزىم , مېڭە ئاپوپلېكسىيە , تۇبىركۇليۇز , بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ھەم يارا دىن ئىبارەت . بۇنىڭ ئارىسىدا يۇقىرى قان بېسىمى , قان تومۇر كېسىلى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەردۇر , شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرى قان بېسىمى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئېدىراك قىلالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
20ئەسىرنىڭ 90يىللىرىنڭ ئوتتۇرلىرىدا , مەلۇم دوختۇرخانىدىكى 323نەپەر 55ياش ئەتراپىدىكى پىنسىيىگە چىققان ياشانغانلارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان . نەتىجىدە : ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرى قان بېسىمى , تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , يارا , مېڭە قان نوكچىسى , سۆڭەك شالاڭلىشىشتىن كېلىپ چىققان يوتا سۆڭىكى بويۇن سۆڭىكى سۇنۇش قاتارلىقلار . بۇنىڭدىن سىرت , ياشانغانلاردا ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبلىرى يۈرەك مىڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ,نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ھەم يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دىن ئىبارەت . قېرىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان 10خىل كېسەللىكنىڭ رەت تەرتىپى : تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , مېڭە قان تومۇر كېسىلى , يۇقىرى قان بېسىمى , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , قان ئازلىق , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە , ئائورتا قېتىش , ئۆپكە يەل ئىششىقى , ئۆپكە تۇبىركۇليۇز , دىئابىت (قەنىت سىيىش )كېسىلى . بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىلەن دىئابىت كېسىلىنىڭ كۆپىيىش ئېھتىمالى يۇقىرى .
«1996يىلى دۆلىتىمىز سەھىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىستاتىسكىسى «ئىچىدىكى «ئاھالىلەر كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش سەۋەبى»دىكى شەھەرلەردىكى ئالدىنقى 10خىل كېسەل :مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە , يۈرەك كېسىلى , نەپەسلىنىش تۈرىدىكى كېسەللىك , زەخىملىنىش ھەم زەھەرلىنىش , ھەزىم قىلىش تۈرىدىكى كېسەللىك , ئىچكى ئاجراتما ئوزۇقلۇق مىتابولىزىم ھەم ئىممونىت جەھەتتىكى كېسەللىك , سۈيدۈك سىستىمىس كۆپىيىش سىستىمىس تۈرىدىكى كېسەللىك , روھىي كېسەللىك , ساراڭلىق كېسىلى . يېزا ناھىيەلەردىكى ئالدىنقى 10خىل كېسەللىك : نەپەسلىنىش سىسيىمىسى تۈرىدىكى كېسەللىك , مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك كېسەللىك , زەخىملىنىش ھەم زەھەرلىنىش , يۈرەك كېسىلى , ھەزىم قىلىش سىستىمىسى تۈرىدىكى كېسەللىك , يېڭى تۇغۇلغانلار ئالاقىدار كېسەللىك , سۈيدۈك يولى كۆپىيىش سىستىمىس ئالاقىدار كېسەللىك , يۇقۇملۇق كېسەللىك(ئۆپكە تۇبىركۇليۇز بۇنىڭدىن سىرتتىدا ) , ئۆپكە تۇبىركۇليۇز . بۇ 10خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى پۈتۈن ئۆلگەنلەرسانىنىڭ 91%دىن يۇقىرىراقنى ئېگەللەيدۇ . ئارىسىدىكى يېڭى تۇغۇلغان بالىلار كېسەللىكىدىن باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئاساسلىقى ياشانغانلاردۇر.
ھەرقايسى رايونلارنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەكشۈرۈش ئاساسلانغاندا , ياشانغانلار دا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ , لېكىن ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھتىد قىلىدىغان كېسەللىك ئاساسلىقى يۇقىرى قان بېسىمى , ئۇنىڭدىن قالسىلا تاجىسىمان ئارتىرىيە يۈرەك كېسىلى , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , ئۆپكە يەل ئىششىقى , مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ھەم دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار . ياشانغانلاردا قوزغىلىش نىسپىتى ھەم ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كېسەللىكلەر ئاساسلىقى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ,مرڭە قان تومۇر كرسەللىكى , نەپەسلىنىش يولىدىكى كېسەللىكلەردۇر .
نۇردوختۇر(ت)