ئىلغا
مىللىي تېبابەتتە بىر خىل كېسەللىك . ئالامەتلىرى : بەدەننىڭ دۈمبە-غول قىسمىدا يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك قىزغۇچ چېكىت پەيدا بولىدۇ : بەدەن بىردەم قىزىش ، بىردەم مۇزلاش ھالىتىدە بولىدۇ . شۇ قىزغۇچ چېكىتنى يىڭنە بىلەن كولاپ (ئېلىپ) ئىچىدىكى قىلغا ئوخشاش ئۇزۇن ، ئىنچىكە يىپنى ئۈزۈۋەتسە ئازراق قارا قان چىقىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىمار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ . ياكى پىيازنى غولغا سۈرتۈپ . كېيىن داچەندەك بىرنەرسە بىلەن سىيرىۋەتسىمۇ بولىدۇ .