2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر ، تۈركىيەدە ياشايدىغان نوپۇس ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 599 مىڭ 280 ئادەم كۆپىيىپ ، 2022 يىلى ئاخىرىدا 85 مىليون 279 مىڭ 553 ئادەمگە يەتتى. ئەرلەرنىڭ سانى 42 مىليون 704 مىڭ 112 ئادەم ، ئاياللارنىڭ سانى 42 مىليون 575 مىڭ 441 بولغان. يەنى، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ% 50.1 ئەرلەر ،% 49.9 بولسا ئاياللار تەركىپ تاپقان.
ئادرېسنى ئاساس قىلغان نوپۇس تىزىملاش سىستېمىسى (ADNKS) نىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا ، تۈركىيەدە ياشايدىغان چەتئەللىكلەر ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 31 مىڭ 800 ئادەم كۆپىيىپ ، 1 مىليون 823 مىڭ 836 ئادەمگە يەتكەن. بۇ نوپۇسنىڭ 49.5% ئەرلەر ،% 50.5 ئاياللار تەركىپ تاپقان.
2021-يىلى يىللىق نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مىڭدە 12.7 بولغان، 2022-يىلى بولسا مىڭدە 7.1 بولغان.
ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى 15 مىليون 907 مىڭ 951 ئادەمگە يەتكەن.
ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 67 مىڭ 51 ئادەم كۆپەيگەن ۋە 15 مىليون 907 مىڭ 951 ئادەمگە يەتكەن. تۈركىيە نوپۇسىنىڭ% 18.65 ى ئىستانبۇلدا ياشايدىكەن ، ئەنقەرەدە 5 مىليون 782 مىڭ 285 ئادەم ياشايدىكەن، ئىزمىرنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 462 مىڭ 56 ئادەم، بۇرسانىڭ نوپۇسى 3 مىليون 194 مىڭ 720 ئادەم، ئانتالىيا بولسا 2 مىليون 688 مىڭ 4 ئادەم ئىكەن.
يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى:
تۈركىيە ئىستاتىسكا ئورگىنى
https://data.tuik.gov.tr/Bulten/Index?p=Adrese-Dayali-Nufus-Kayit-Sistemi-Sonuclari-2022-49685