ئادەم بەدىنىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىگە قاراپ كېسەللىگىگە باھا بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
مۇبادا ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى ئىششىپ قالسا ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ ئىششىۋاتقانلىقى ۋە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، دەرھال داۋالىتىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
ئەگەر ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى قېتىپ كەتكەن بولسا ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ قىزىل قان تومۇرلىرى قاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن ، شۇڭا دەرھال داۋالىنىش كېرەك .
بۇرۇننىڭ ئۇ يەر ، بۇ يېرىدە ئىششىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە يۈرىكىدە مەسلە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ، دەرھال داۋالىنىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
بۇرۇندا زىيادە قىزىللىق بولسا ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ يۈرەك ، قان تومۇرلىرىدا چاتاق بارلىقى ، بۇرنىدا قوڭۇر كۆك ياكى قارا رەڭنىڭ پەيدا بولۇشى ، شۇ ئادەمنىڭ تال ، بۆرەك ياكى ئاشقازان ئاستى بېزىدا مەسلە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ، بۇرۇندا ئۇششاق مۇنەكچىلەر پەيدا بولۇپ قالسا ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ بېشارىتى ، شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا داۋالىتىپ خەتەردىن ساقلىنىش كېرەك .