مېڭە
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشى: كاللا, مىڭە, باش, ئەقىل, زېھىن
brain
脑
beyin
مېڭە سۆڭىكى ئىچىدە بولغان بۇ ئورگان، بەدەندىكى بارلىق ئورگان، توقۇلمىلار، ئەزالارنىڭ پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىدىغان، ئەمىر بېرىدىغان، تەڭشەيدىغان، خاتىرىلەيدىغان يەر دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. مېڭىنىڭ پوستلاق قىسمىدا 14-16 مىليارد نېۋرون بار. مېڭە چوڭ جەھەتتىن ئوڭ، سول ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ مېڭىسى 1-1.5 كىلوگرام ئەتراپىدا.