نۇرمەمەت دوختۇرنۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى1-سوئال: 4 ئايلىق بوۋاقتا بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى بار قانداق قىلىش كېرەك؟

1-سوئال: 4 ئايلىق بوۋاقتا بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى بار قانداق قىلىش كېرەك؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بىمار سوئالى:

دوختۇر قانداق ئەھۋاللىرى
سالامەت تۇردىلىمۇ
مىنىڭ بالام 4 يىرىم ئايلىق بولغان بەك زۇكامداپ كىتىپتۇ تىنالماي قىيلىنىپ كىتىۋاتىدۇ شۇنىڭغا بىر ئۈنۈملۈك دورا بولسا دەپ بەرگەن بولسىلا
تىنالمىغانكىن ياخشى ئۇخلىيالمايدىكەن نەچچە كۈن بولدى مۇشۇنداق بوپ قالغىلى

نۇرمەمەت دوختۇر جاۋابى:

ياخشىمۇسىز.

قىززىش، يۆتەل بارمۇ يوقمۇ؟ ئەگەر بۇلار يوق پەقەت بۇرۇن توسۇلۇپلا قېلىۋاتسا، شەخسەن مەن دورا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. بوۋاق بەك كىچىككەن.

1، دورىخانىدا بۇرۇننى تازىلايدىغان سۈمۈرگۈچ بار. ئىنچىكە شىلەڭكە شەكىلدە، بىر تەرەپنى ئاپىسى ئاغزى بىلەن شورايدۇ، يەنە بىر تەرەپ بىلەن بوۋاقنىڭ بۇرنى ئىچىدىكى ماڭقىنى تازىلايدۇ.

2. ئەگەر ئۆيدە بۇرۇنغا پۈركىگۈچ دورا قۇتىسى بولسا، ئىچىدىكى دورىنى تۆكۈۋېتىپ، پاكىز چايقىۋېتىپ نەچچە قېتىم. ئاندىن ئىلمان سۇغا بىراز تۇز قويۇپ تەڭشەپ(بەك تۇزلۇق بولۇپ كەتمىسۇن) ئاندىن شۇ پۈركىگۈچ بىلەن بوۋاقنىڭ توسۇلۇپ قالغان تەرەپتىكى بۇرنىغا پۈركىسە بىراز پايدا قىلىدۇ.

ئەگەر قىززىش، يۆتەل ئەھۋاللىرى بولسا باشقىچىراق تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-13

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2022-03-13 / 05:08:17 / PM (+03)

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

يېقىنقى مەزمونلار

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ

مۇندەرىجە