تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر ئەپەندىم. مەن تۈركىيە ئادانا شەھىرىدە تۇرىمەن.
بىرقانچە كۈن ئالدىدا مەھەللىمىزدىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوچاغى، ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى) دە قان تەكشۈرۈش قىلغان ئىدىم. ساغلىق ئوجىغىدىكى سىستېرا ماڭا ئەتىسى چۈشتىن كېيىن چىقىدۇ كېلىپ دوختۇرۇڭدىن ئېلىۋالغىن دىگەن ئىدى. ئەمما بەزى ئىشلار سەۋەبىدىن بارالماي قالدىم. نەتىجىلەرنى چوقۇم ئائىلە ھەكىمى دوختۇرۇمدىن سورىشىم كېرەكمۇ ياكى باشقا بىر ئۇسۇلدا كۆرگىلى بولارمۇ؟ باشقا دوختۇرخانىدىكى دوختۇلار مېنىڭ مۇشۇ قېتىملىق قان تەكشۈرۈش نەتىجەمنى كۆرەلەمدۇ؟
مۇشۇ ئىشتا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت.

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز، سالامەت تۇرۇپسىز.
تۈركىيەدىكى ھەرقايسى دۆلەتتە ئەنگە ئېلىنغان رەسمىي دوختۇرخانىلاردا قان، كىچىك تەرەت، چوڭ تەرەت ۋە باشقا تەشكۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى تېلىفوندا ئۆزىنىڭىزنىڭ ھېسابى بىلەن ، ئې نابىزدىن كۆرەلەيسىز. ناھايىتى قولاي.
بۇنىڭدىن سىرت ، ئائىلە ھەكىمىنىڭ قېشىغا بارسىڭىز، دوختۇرىڭىز سىزگە دەپ بېرىدۇ، ئەگەر ئەپلىك بولسا قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
ئەگەر سىز ئې نابىزدا باشقا دوختۇرلار بىلەن ھەمبەھىرلەنمەيمەن دىگەن تاللاشنى تاللىمىغانلا بولسىڭىز، باشقا دوختۇرخانىلارغا بارغاندا شۇ يەردىكى دوختۇرلارمۇ نەتىجىلىرىڭىزنى كۆرەلەيدۇ. بولمىسا سىزدىن ئىجازەت ئېلىپ كۆرۈشكە مەجبۇر قالىدۇ.
بۇ سوئالغا تۆۋەندىكى ۋىدىئودا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەردىم. ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. سالامەت بولۇڭ.