ۋاكسىنا ئەملەش
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ۋاكسىنا ئۇرۇش
vaccination
接种疫苗
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
打疫苗
aşı yapmak
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
aşılamak
ۋاكسىنا ئۇرۇش بىلەن ۋاكسىنا ئەملىتىش بىر مەنىدە.
ۋاكسىنا، ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر كېسەللىككە قارشى ئىممۇنۇتېت كۈچى بولۇشنى مەقسەت قىلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان شۇ كېسەللىكنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ۋىرۇس، مىكروپ ۋەيا ئاجرالما ماددىلىرىدۇر. ئادەم بەدىنىگە مەزكۈر ماددا ۋەيا ۋىرۇس ۋەيا مېكروپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنۇتېت سىستېمىسى مەزكۈر كېسەللىكنى تونۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئىممۇنىتېت كۈچى بەدەندە بولغان مەزگىلدە، بۇ كېسەللىككە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئوكۇل شەكىلدە پاچاققا، بېلەككە ئۇرۇلىدىغان ۋاكسىنا بار. ئېغىزدىن دورا ئىچىش شەكلىدە بېرىلىدىغان ۋاكسىنا بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاكسىنا ئەملەش دىسەك بولىدۇ.