ئانا سەھىپەپايدىلىق ئۇچۇرلاردوختۇرخانىلارتۈركىيە ئائىلە دوختۇرى، ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئال ۋە جاۋاپلار

تۈركىيە ئائىلە دوختۇرى، ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئال ۋە جاۋاپلار

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنى مەھەللە سەھىيە پونكىتى دەپمۇ ئاتايدۇ. تۈركچە ئاتىلىشى تۆۋەندىكىچە:

aile sağlığı merkezi (ئائىلە ساغلىق مەركەزى)

Mahelle sağlık ocağı (مەھەللە ساغلىق ئوچاغى)

بۇ يەردە ئىشلەيدىغان دوختۇرلار تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىدە تىزىملاتقان قانۇنلۇق كېنىشكىلىك دوختۇرلار بولۇپ، ئائىلە دوختۇرى دەپ ئاتايدۇ. تۈركچە ئاتىلىشى:

aile hekimi (ئائىلە ھەكىمى)

ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا قايسى خىزمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟

1.چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرۈش، ھەقسىز قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش.
2.چوڭلارغا ۋە بالىلارغا كېسەللىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش توغرىلىق مەسىلىھەت بېرىش.
3.قان بېسىمى، قاندىكى شىكەر ماددىسى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قىلىش.
4.ئىلگىرى قىلدۇرغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە مەسلىھەت بېرىش، كېسەل تارىخىنى رەتلەش.
5.يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى (دىئابېت، شىكەر كېسىلى)، قالقانسىمان بەز كېسىلى، نەپەسلىنىش يولى ئۆپكە كېسەللىكلىرى(زىققە، ئاڭگىنا، كانايچە، ئۆپكە، شاخچە كېسەللىكلىرى)، بۆرەك تېشى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى بۆرەك ياللۇغى، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، ۋىتامىن كەمچىللىك، قان ئازلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر …ۋە باشقا كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دەسلەپكى دىئاگنوز قويۇش، دورىلىرىنى تەڭشەش، مەسلىھەت بېرىش.
6.كېسەللىكلەرگە كېرەكلىك بولغان ئىچىدىغان دورا، كاسسا ئوكۇلى، ئاسما ئوكۇلى، ۋە باشقا تۈردىكى دورىلارنى يېزىش (رېچېتې).
7.ھامىلدار 10 ئاي جەريانىدا كۈزىتىپ مەسىلھەت بېرىش، كېرەكلىك قانلار تەكشۈرۈش، ھامىلدارغا كېرەكلىك بولغان دورا، ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ۋىتامىنلارنى تەۋسىيە قىلىش، ۋاكسىنا تەۋسىيەلىرىنى بېرىش، قورساقتىكى تۆرەلمە بوۋاق يۈرەك سوقۇشىنى كۈزىتىش (كېرەك بولغاندا ئايال سىستېرا ياردەمدە بولىدۇ.)
8.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تاپىنىدىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈش.
9.بوۋاقلار، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشى، بويى، ئېغىرلىقىنى كۈزىتىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش.
10.بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئايلىق ۋە يىللىق ۋاكسىنىلىرىنى ئەملىتىش، تەۋسىيە بېرىش.
11.تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق راپورى ئېلىش.
12. بىمارنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىكلەرنى دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بۆلۈم، دوختۇرخانىلارنى تەۋسىيە قىلىش
13. باشقىلار… (داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)

 

ئىقامەت بولۇش شەرتمۇ ۋەيا پاسپورت بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش، ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىقامەت بولمىسا بولمايدۇ. بۇلاردىن سىرت تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

 

ئىقامىتى يوقلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا (ساغلىق ئوچاغىدا) تەكشۈرۈش، داۋالىنىش ئېلىپ بارالامدۇ؟

ئىناۋەتلىك ئىقامىتى يوق كىشىلەر، شۇ تۇرۇشلۇق رايوننىڭ كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى ( göçmen sağlığı merkezi ۋەيا göçmenler sağlık ocağı ) غا بېرىپ ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرسە، شۇ جايدىكى دوختۇر بىمار ئەھۋالىغا قاراپ ، ئىقامەتسىز قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. نورمالدا ھەربى رايوندا بىردىن كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى بولىدۇ.

 

تىزىملىتىش ، تەكشۈرۈش، ۋاكسىنا ئەملەشلەر ئۈچۈن پۇل تاپشۇرامدۇ؟

ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق مەزمونلار ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 

يۇقارقى خىزمەتلەرنى مەيلى قايسى ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىغا بارغان ھامانلا قىلىپ قويامدۇ؟

يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان تەكشۈرۈشلەرنى كۆپىنچە ساقلىق ساقلاش پونكىتى ( Sağlık ocağı ,ASM, Aile sağlık merkezi ) قىلالايدۇ، ئەمما بارغان ھامانلا ھەممىنى قىلىپ قويۇشى ناتايىن. بىمارنىڭ بەدىنىدىكى ئالامەتلەرنىڭ بار يوقلۇقى، ئالامەت بار بولغان تەغدىردە ئېغىر يېنىكلىك دەرىجىسى، بىمارنىڭ ئەندىشىسى، بىمارنىڭ ئومۇمىي بەدەن ئەھۋالى، شۇ ئالاقىدار تەكشۈرۈشكە ئېھتىياجىنىڭ بار يوقلۇقى، ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىش يۈكىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكى ۋە شارائىتىنىڭ بار يوقلۇقىغا قاراپ قارار قىلىنىدۇ. بۇنى شۇ ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا ئىشلەۋاتقان دوختۇر بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش لازىم.

 

ئائىلە دوختۇرىنى ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ؟

نورمالدا 3 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىڭىز بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ئائىلە دوختۇرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

  1. ئې نابىز E-nabız سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تېلىفوندا ياكى كومپىيوتېردا نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئاسانلا ئالماشتۇرالايسىز. ئاي ئوتتۇرىدا ئالماشتۇرسىڭىز، شۇ كۈنى يېرىم كېچە 12 دە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئاي بېشى ۋە ئاخىرىدا ئالماشتۇرسىڭىز ھەر ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
  2. سىز ئالماشتۇرماقچى بولغان يېڭى ئائىلە دوختۇرىڭىزغا دىسىڭىز سىستېمدىن ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.
  3. سىز تۇرۇشلۇق رايون سەھىيە ئىدارىسى ( ئىلچە ساغلىق مۈدۈرلۈگۈ ilçe sağlık müdürlüğü) گە بېرىپ ئىلتىماس تاپشۇرىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىقامەت لازىم.

ئىقامىتى يوق، پەقەت پاسپورتى بارلار،  ۋەيا ئىقامىتى يوق ھەم پاسپورتى يوقلار ئائىلە دوختۇرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، رايون كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى göçmen sağlığı merkezi ۋەيا göçmenler sağlık ocağı ) غا بېرىشى لازىم.

 

مەزمونلار داۋاملىق قوشۇلىدۇ ۋە يېڭىلىنىدۇ..

تەييارلىغۇچى:
نۇرمەمەت دانىش (نۇر دوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ