دوختۇرخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار: دوختۇرلار سىزدىن نېمىلەرنى سورايدۇ؟
دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈش نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن سەل جىددىي جەريان بولۇشى مۇمكىن. چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە كېسىلىڭىزنى توغرا چۈشەندۈرۈش ۋە توغرا دىئاگنوز قويغۇزۇش ئۈچۈن، دوختۇرنىڭ سىزدىن سورايدىغان سوئاللىرىغا ئالدىن تەييارلىق قىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندە دوختۇرلارنىڭ بىمارلاردىن سورايدىغان ئاساسلىق سوئاللىرى ۋە سىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قوشۇمچە نۇقتىلارنى تەپسىلىي رەتلەپ چىقتۇق.

تىل! تىل! تىل!
دوختۇرخانىغا بارغاندا بىرىنجى ئەڭ مۇھىم ئىش، چوقۇم يەرلىك تىلنى بىلىشىڭىز، ياكى يېنىڭىزدا بىللە بارىدىغان بىرسى چوقۇم يەرلىك تىلنى بىلىشى، دوختۇرغا چۈشەندۈرەلىشى، دوختۇرنىڭ دىگەنلىرىنى ئاز تولا چۈشىنىدىغان بولۇشى كېرەك. بولمىسا ھەرقانچە قول ئىشارىتى قىلغان تەغدىردىمۇ، كېسەل كۆرسىتىشكە ، دىئاگنوز قويۇشتا ۋە داۋالاش ئۈنۈملۈك بولۇش بولماسلىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. ئەمما تىل ئۇقمايمەن دەپمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن باش تارتماسلىق كېرەك. بولمىسا كېسەل ئېغىرلاپ كېتىپ قۇتقازغۇسىز خەتەرلىك نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

1. ئاساسىي ئۇچۇرلار (كىملىك ۋە بەدەن ئەھۋالى)
دوختۇر سىز بىلەن كۆرۈشكەندە ئەڭ ئاۋۋال سىزنىڭ كىملىكىڭىز ۋە بەدەن ساپايىڭىزغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سورايدۇ. بۇ پەقەت تىزىملاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دورا مىقدارىنى بەلگىلەش ۋە كەسپىي كېسەللىكلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن لازىم.
-
يېشىڭىز ۋە جىنسىڭىز: بەزى كېسەللىكلەر مەلۇم ياش باسقۇچىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
-
بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى: دورا مىقدارىنى ھېسابلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.
-
كەسپىڭىز: بۇ نۇقتا بەك مۇھىم. مەسىلەن، شوپۇرلاردا بەل ئاغرىقى، خىمىيەۋى زاۋۇت ئىشچىلىرىدا ئۆپكە كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. خىزمەت مۇھىتىڭىزنى ئېنىق دەپ بېرىڭ.
2. كېسەللىك ئالامەتلىرى (قەيېرىڭىز ئاغرىيدۇ؟)
بۇ دوختۇرنىڭ دىئاگنوز قويۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق قىسىم. تۆۋەندىكى سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب تەييارلاڭ:
-
ئاساسلىق ئالامەت نېمە؟: قەيېرىڭىز ئاغرىيدۇ ياكى بىئارام قىلىدۇ؟
-
ۋاقىت ئۇقۇمى ئېنىق بولسۇن: «بىر مەزگىل بولدى» ياكى «خېلى ئۇزۇن بولدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتمەڭ. كونكرېت قىلىپ «3 كۈن بولدى»، «بۈگۈن ئەتىگەندە باشلاندى» ياكى «5 ئايدىن بېرى ئاغرىۋاتىدۇ» دەپ ئېنىق ۋاقىتنى ئېيتىڭ.
-
ئاغرىقنىڭ خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق قانداقراق؟ سانجىپ ئاغرىمدۇ؟ ئېچىشىپمۇ؟ يېرىلىپ كەتكەندەك ئاغرىمدۇ ياكى تۇتۇق ئاغرىمدۇ؟
-
ئۆزگىرىش ئەھۋالى: قايسى ۋاقىتتا (كېچىسى ياكى كۈندۈزى) ئېغىرلىشىدۇ؟ نېمە ئىش قىلغاندا يېنىكلەيدۇ ياكى ئېغىرلايدۇ؟ (مەسىلەن: سوغۇق سۇ ئىچسەم ئاغرىيدۇ، ياتسام يېنىكلەيدۇ دېگەندەك).
3. داۋالىنىش تارىخى ۋە دورا ئىشلىتىش ئەھۋالى
دوختۇر سىزنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالىڭىزنى بىلسە، خاتا دىئاگنوز قويۇشتىن ساقلىنالايدۇ.
-
بۇ كېسەللىك يېڭىمۇ ياكى كونا كېسەللىكمۇ؟: ئىلگىرى مۇشۇنداق ئالامەتلەر بولغانمۇ؟
-
قانداق دورىلارنى ئىشلەتتىڭىز؟: دوختۇرخانىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆز ئالدىڭىزغا دورا يەپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر يېگەن بولسىڭىز، دورىنىڭ قۇتىسىنى ياكى رەسىمىنى چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىڭ.
-
تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى: باشقا دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتكەن CT، رېنتگېن ياكى قان تەكشۈرۈش قەغەزلىرى بارمۇ؟ بۇ سىزنىڭ پۇلىڭىز ۋە ۋاقتىڭىزنى تېجەيدۇ.
4. قوشۇمچە (ئەمما ئىنتايىن مۇھىم) سوئاللار
بۇ يەردە سىز بەلكىم ئويلىمىغان، ئەمما دوختۇر ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە نۇقتىلار بار:
-
باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر: سىزدە يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت (قەنت سىيىش)، يۈرەك كېسىلى بارمۇ؟
-
دورا سەزگۈرلۈكى (Allergy): مەلۇم بىر دورىغا ياكى يېمەكلىككە قارىتا سەزگۈرلۈكىڭىز بارمۇ؟ (بۇنى چوقۇم ئېيتىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن).
-
ئاياللار ئۈچۈن: توي قىلغانمۇ؟ ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ ئەگەر ھامىلىدارلىق ئېھتىمالى بولسا، رېنتگېنگە چۈشۈش ياكى بەزى دورىلارنى ئىشلىتىش ھامىلىگە زىيان قىلىدۇ.
-
ئائىلە تارىخى: ئاتا-ئانىڭىز ياكى قېرىنداشلىرىڭىزدا ئوخشاش كېسەللىك بارمۇ؟ (بۇ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ).
دوختۇردىن مەسلىھەت سورىغاندا دىققەت قىلىدىغان يېڭى نۇقتىلار
يۇقىرىقىلاردىن سىرت، سىزنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنىمۇ دوختۇرغا ئېيتىشنى ئۇنۇتماڭ:
-
تۇرمۇش ئادىتىڭىز: تاماكا، ھاراق چېكەمسىز؟ ئۇيقۇڭىز قانداق؟ بۇلار كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
-
روھىي ھالەت: يېقىندىن بېرى قاتتىق بېسىم ياكى روھىي جىددىيلىك ئىچىدە تۇردىڭىزمۇ؟ بەزىدە جىسمانىي ئاغرىقلارنىڭ مەنبەسى روھىي بېسىم بولۇشى مۇمكىن.
-
تولۇق راستچىل بولۇش: دوختۇردىن ھېچنېمىنى يوشۇرماڭ. تەرەت قىلىش ئەھۋالى، جىنسىي تۇرمۇش قاتارلىق تېمىلاردا راستىنى ئېيتىش توغرا داۋالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
دوختۇرخانىغا بارغاندا ئۆزىڭىزنىڭ «ساغلاملىق ئارخىپ»نى (بۇرۇنقى تەكشۈرۈش قەغەزلىرى، دورا قۇتىلىرى، كىملىك) ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ. دوختۇرلار يۇقارىدىكى سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سوراپ بولالمىسىمۇ، ئەمما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن سوئاللارنى تاللاپ سورىشى مۇمكىن. سوئاللارغا ئېنىق، قىسقا ۋە راستچىل جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ۋە دوختۇرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى تېجەپ قالالايسىز ھەمدە ئەڭ توغرا داۋالاش لايىھىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
6 يىل بۇرۇنقى تەييارلانغان مەزمۇن:
دوختۇردىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى بىرقانچە سوئاللارغا تەييارلىقىڭىز بولسۇن. دوختۇر تېۋىپلەر سىز ياكى بىمارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلسە، سىزگە ئەتراپلىق مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قالسىڭىز، بۇلارغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.
- بىمار قانچە ياش؟ جىنسى نىمە؟ ئېغىرلىقى، ئىگىزلىكى قانچە، كەسپىڭىز نىمە؟ (بەزى كېسەللىكلەر بەدەن ئەھۋالىغا، كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك)
- بىماردىكى ئالامەت نىمە؟ قانچىلىك ۋاقىتتىنىڭ ياقى بار ئىدى؟(كونكرىتراق ۋاقىت لازىم، مەسىلەن 5 ئاي، 3 كۈن، 2 سائەت دىگەندەك، ھەرگىزمۇ ئۇزۇندىن بېرى، يېقىننىڭ ياقى دىگەندەك مۈجمەل ۋاقىتنى دىمەڭ. چۈنكى ئۇزۇننىڭ ياقى بەلكىم 10 يىل، 15 يىل بولۇشى مۇمكىن، بۇنى دوختۇر بىلەلمەيدۇ)
- بۇرۇن بۇ ئالامەتلەر بارمىتى؟ ياكى يېڭى بولدىمۇ؟ قانداق ۋاقىتتا ياكى قايسى خىل ئەھۋالدا ئېغىرلايدۇ ياكى يېنىكلەيدۇ؟
- بۇ ئالامەتلەر ئۈچۈن داۋالىنىش ياكى دورا ئىشلىتىپ باقتىڭلارمۇ؟ تەكشۈرۈش قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ھەم ئىشلەتكەن دورىلىرىڭىز يېنىڭىزدا بارمۇ؟ (بۇ ناھايىتى مۇھىم)
- بىمارنىڭ باشقا كېسەللىكى بارمۇ؟
- ئەگەر بىمار ياش، ئوتتۇرا ياش ئايال بولسا تۇغقانمۇ؟ ھامىلدارمۇ؟
- بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسىدا، چوڭلىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلىرى ياكى كىسەللىكلىرى بارمۇ؟
باشقا قوشۇپ قويىدىغان نوقتىلار بارمۇ؟
يۇقارقى سوئاللارمۇ تەسمۇ ئەمەس. ئەمما دەل مۇشۇ تەس بولمىغان سوئاللار سىزنى تەكشۈرگەن دوختۇرلار ئۈچۈن زور پايدىسى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، دوختۇرخانىغا بارغىنىڭىزدا، بۇرۇن تەكشۈرگەن نەتىجىلىرىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۆيدىمۇ ئۆزىڭىزگە ئايرىم ساغلاملىق ئارخىبى تۇرغۇزۇپ، ئېلىپ مېڭىشقا ئەپلىك بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.


