ئانا سەھىپەبىلىمپايدىلىق ئۇچۇرلاركۈندىلىك پىلان جەدۋىلى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ

كۈندىلىك پىلان جەدۋىلى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۈندىلىك پىلان جەدۋىلى تۈزۈش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا، ئۆگىنىشىمىزگە، ھاياتىمىزغا ناھايىتى پايدىلىق بىر ئىش.

روزى ھىيت مۇناسىۋېتى بىلەن سىلەرگە سوۋغىتىمىزنى ئېلىپ كەلدۇق.

تۆۋەندىكى ئادرىسنى باسسالار، بىز لايىھلىگەن ئۆز تىلىمىزدىكى چىرايلىق كۈندىلىك پىلان جەدۋىلى چىقىدۇ، بۇنى رەڭلىك ياكى رەڭسىز بېسىپ چىقىرىپ، بىر كۆرۈپ بېقىڭ. ئەتىكى پىلانىڭىزنى شۇ جەدۋەلگە تولدۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ، ھەم ئەتىسى شۇ جەدۋەل بويىچە ئىش قىلىپ بېقىڭ. ئەگەر تەڭدىن تولىسىنى ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرالىسىڭىز، سىز ئۇتۇق قازانغان بولىسىز . بەلكىم بىر سىرنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. دۇنيادا نەتىجە قازانغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى،شۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى رىتىملىق تۇتقان كىشىلەردۇر. ئۇ كىشلەر ھەتتاكى مىنوت سىكونىتقا قەدەر ئىنچىكە جەدۋەل تۈزۈپ ئىجرا قىلىدۇ. بۇ دەل ھىلىقى : بىز تاش سانىساق ، باشقىلار قۇم سانايدۇ دىگەن ماقالنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئىپادىسى. بۇ توغرىلىق كېيىن يەنە تەپسىلىي مەزمون چىقارسام بولىدۇ.

ھازىرچە 3 خىل شەكىلدىكىنى ياساپ قويدۇق. كىيىن خالىساڭلار تېخىمۇ كۆپ خىللىرىنى چىقىرىپ قويىمىز. بۇلار رەسىم شەكىلدە، ئا4 قەغەز چوڭلۇقىدا ياسالدى. ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

 كۈندىلىك پىلان جەدۋىلى 01

رەسىمنى بېسىڭ، ياكى بۇ كۆك خەتنى بېسىڭ

 كۈندىلىك پىلان جەدۋىلى 02

رەسىمنى بېسىڭ، ياكى بۇ كۆك خەتنى بېسىڭ

 كۈندىلىك پىلان جەدۋىلى 03

رەسىمنى بېسىڭ، ياكى بۇ كۆك خەتنى بېسىڭ

قېنى ئەمىسە سىناپ بېقىڭلار. بۇخىل جەدۋەل تولدۇرۇشنى ھەرگىزمۇ ياشلارنىڭ، كىچىك بالىلارنىڭ ئىشى دەپ ئويلاپ قالماڭ. بۇ ھەممە ياشقا قاتلىمىدىكى كىشىلەرگە ماس كىلىدىغان جەدۋەل. ھىچكىم سىزنى قېرىپ قالغان يېرىڭگە نىمىش قىلىپ يۈرىسەن دەپ مازاق قىلمايدۇ، ئەگەر مازاق قىلدىغان كىشى ئائىلىدىكى بىرسى بولسا، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىڭ چۈشەندۈرۈڭ، ئەگەر سىزنى مازاق قىلغان كىشى سىرتتىكى كىشى بولسا،  ئۇنىڭدىن ئۇزاق تۇرۇڭ.

كېيىن تېخىمۇ تەپسىلى بولغان ھەپتىلىك، ئايلىق پىلان جەدۋىلى، چېنىقىش ئورۇقلاش جەدۋىلى، ئىمتىھان تەييارلىق جەدۋىلى، ساغلام ئوزۇقلىنىش جەدۋىلى، كېسەللەرگە ئائىت ئوزۇقلىنىش ئارام ئېلىش جەدۋىلى، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارۋاكسىنا جەدۋىلى ۋە ئۇنىڭدىن سىرت پايدىلىق نەرسىلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:09:39

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ