ئانا سەھىپەبىلىمپايدىلىق ئۇچۇرلارئې نابىز E nabız سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى بىلىۋېلىڭ

ئې نابىز E nabız سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى بىلىۋېلىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تورداشلارنىڭ ساغلاملىق ئىشىغا پايدىلىق بولغان ئې نابىز E-nabız  سىستېمىسىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا تورغا كۆپ كۈچ ۋە مەبلەغ سېلىپ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئې دۆۋلەت ۋە ئې نابىز ئىسىملىك ئىككى سىستېما بار. ئې نابىز تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن ئىدارە ئورگانلاردا بېجىرىلىدىغان ئىشلار، تېلىفون، ئۆي مۈلۈك، ئىقامەت، نوپۇس قاتارلىق تۇرمۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئې دۆلەت سىستېمىسىگە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىقامەت ۋەيا تۈركىيە پۇقراسى بولۇش لازىم. ئاندىن تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلار بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلىك پوچتىخانىلار يەنى پ ت ت غا بېرىپ بىجىرەلەيسىز. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغىنىمىز، ئې نابىز سىستېمىسى. ئالدىدا ئې دۆۋلەت سىستېمىسىنى تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ئې دۆۋلەت مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق ئې نابىز سىستېمىسىغا ناھايىتى ئاسانلا تىزىملىتىپ كىرەلەيسىز.

ئې نابىز E-nabız سىستېمىسى دىگەن نىمە؟

ئې نابىز سىستېمىسى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈركىيە پۇقراسى ۋە تۈركىيەدە ئىناۋەتلىك ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ھەقسىز سىستېما بولۇپ، بۇنىڭغا ئەزا بولغان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىققا ئائىت بارلىق تەكشۈرۈش، داۋالىنىش، دورا رىتسىپلىرى، ئائىلە دوختۇرى، ۋاكسىنا ئەملىنىش ئەھۋاللىرى… ۋە باشقا ساغلاملىققا ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى ۋە بەزى مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ سىستېمىدا، پۈتۈن تۈركىيە مىقياسىدا دۆلەتكە قانۇنلۇق تىزىملىتىپ ئىشقا چۈشكەن دوختۇرخانىلار، دورىخانىلاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىڭىز خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ. ناھايىتى پايدىلىق بىر سىستېما ھىساپلىنىدۇ. بۇ سىستېمىغا كومپىيوتېر تور بەتتە كىرەلەيسىز، تېخىمۇ ئاسان بولغىنى تېلىفونغا مەخسۇس ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپمۇ ئەزا بولۇپ، ئىچىدىكى مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز.

ئې نابىز E-nabız سىستېمىسىدە نىمىلەر بار؟

  1. بۇرۇن بارغان دوختۇرخانىلار، تەكشۈرگەن نەتىجىلەرنى، تارتىلغان رىنتىگىن، س ت ، ئەم ئار ۋە باشقىلارنىڭ نەتىجىسى.
  2. دوختۇرلار يېزىپ بەرگەن دورا رېتسىپ ئۇچۇرلىرى.
  3. ئائىلە ھەكىمىنى تاللاش ۋە 3 ئايدا بىر ئالماشتۇرۇش.
  4. ئۆزىڭىز ۋە بالىڭىزنىڭ ۋاكسىنا ئەملىنىش ئەھۋاللىرى.
  5. زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋاللىرىڭىزنىڭ خاتىرلىنىشى.
  6. جىددىي ئەھۋاللاردا 112 نى ئۇدۇل تېلىفون قىلىش بىلەن بىرگە ئادرىسنى ئەۋەتىپ بېرىش.
  7. دوختۇرخانىغا بېرىپ قالسىڭىز، دوختۇرىڭىز سىزنىڭ ئې نابىزدىكى بۇرۇنقى ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئاساسەن سىزگە تېخىمۇ توغرا دىئاگنوز ۋە داۋالاش ئېلىپ بارلايدۇ. مەنمۇ مۇشۇ ئارقىلىق بەك كۆپ بىمارلىرىمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش قىلىپ باققان.
  8. بويىڭىز، ئېغىرلىقىڭىز، ۋە باشقا ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ئىھتىماللىقىنى ھىساپلاش. ھېساپلاش.
  9. ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىلار، كېچە ھەپتە ئاخىرى نۆۋەتچى دورىخانىلار ئۇچۇرلىرى.
  10. دوختۇرخانىغا نومۇر ئېلىش.
  11. ۋە باشقىلار.

ئې نابىز E-nabız غا قانداق تىزىملىتىمىز؟  تېلىفونغا قانداق قاچىلايمىز؟

تۆۋەندە تېلىفونغا ئې نابىز E-nabız ئەپنى قانداق چۈشۈرۈپ قوللىنىشنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئې نابىز سىستېمىسىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەر بولۇش كېرەك:

  1. تۈركىيە پۇقراسى ۋەيا تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇشلۇق ئىقامەت بولۇش كېرەك.
  2. ئې دۆۋلەت مەخپىي نومۇرىڭىز بولۇش كېرەك
  3. ئاندروئىد تېلىفون ياكى ئالما تېلىفون

ئەگەر يۇقارىدا دىيىلگەنلەر سىزدە بولسا تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلارغا دىققەت قىلىڭ:

  1. گۇگۇل ئەپ دۇكىنىدىن، ئالما دۇكىنىدىن e nabız دەپ يېزىپ كۆك رەڭلىك بۇ ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.


  2. قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئەگەر تېلىفونىڭىز سىستېمى ئىنگىلىزچە بولسا، بۇ بەتتە login with e-Devlet نى كونۇپكىنى بېسىڭ، تۈركچە بولسا e-Devlet ile giriş دىگەننى تاللاڭ.
  3. ئېچىلغان بەتكە ئىقامەت نومۇرىڭىز ۋە تۈركىيە دۆلەتلىك پوچتىخانا Ptt دىن ئالغان ئې دەۋلەت مەخپىي نومۇرىڭىز (E-devlet şifresi)نى كىرىڭ. ئاندىن Giriş yap نى بېسىڭ.
  4. مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەندىن كېيىن ئې نابىز E-nabızبېتىڭىز ئېچىلىدۇ. ئۈستىدە، ئىسمىڭىز، يېشىڭىز قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن سىرت ئېغىرلىقىڭىز، قان تىپىڭىز قاتارلىقلارنى تولدۇرالايسىز.
  5. ئائىلە دوختۇرى ئالماشتۇرۇش:
    ئىسىم فامىلىڭىز ئاستىدىكى قىزىل خەت Değiştir ئالماشتۇر دىگەن گەپ بولۇپ، ئۇنى باسسىڭىز ئائىلە دوختۇرىڭىز(Aile hekimi) نى 3 ئايدا بىر ئالماشتۇرالايسىز.
  6. بەتنى ئاستىغا سۈرسىڭىز، پەس تەرەپتە بىرقانچە رەڭلىك تاللاشلار بار. ھەربىرىنىڭ ئايرىم ئايرىم روللىرى بار.
  • Hastalıklarım كېسەللىكلىرىم:
    مەزكۈر بەتتە، بۇرۇن بارغان دوختۇرخانىلاردا قويۇلغان دىئاگنوزلار ، مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر ۋە دوختۇرلىرى كۆرۈنىدۇ.
  • Reçetelerim رىتسىپلىرىم:
    تۈركىيە دۆلىتىگە ئەنگە ئېلىنغان قانۇنلۇق دوختۇرخانىلار، ساغلىق پونكىتىدىكى دوختۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان سىستېمىگە كىرگۈزۈلگەن رىتسىپلەر مۇشۇ يەردە كۆرۈنىدۇ.
  • Radyoloji görüntülerim تارتىلغان رېنتىگىن، س ت ، م ئار لىرىم:
    تۈركىيە دۆلىتىگە ئەنگە ئېلىنغان قانۇنلۇق دوختۇرخانىلار ، ساغلاملىق مەركەزلىرىدە تارتىلغان رىنتېگىن، س ت، ئەم ئار ۋە باشقا سۈرەتلىك تەكشۈرۈشلەر مۇشۇ يەردە كۆرۈنىدۇ. ئەمما سەل ئاستا ئېچىلىدۇ.
  • Tahlillerim قان،كىچىك تەرەت ۋە باشقا تەكشۈرۈشلىرىم:
    تۈركىيە دۆلىتىگە ئەنگە ئېلىنغان قانۇنلۇق دوختۇرخانىلار، ساغلىق پونكىتىدىكى دوختۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر مەسىلەن قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت چوڭ تەرەت تەكشۈرۈش، ۋە باشقا تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى مۇشۇ يەردە كۆرۈنىدۇ. بۇ بىز دوختۇرلارغا ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق يېرى. چۈنكى بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ بۇرۇنقى بەدەن ئەھۋالىڭىزنى ئېنىق بىلەلەيمىز. مېنىڭمۇ تەۋسىيە قىلىشىمدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى مۇشۇ.
  • Allerjilerim زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالىم:
    بۇنى ئۆزىڭىز ياكى دوختۇرىڭىز تولدۇرىدۇ. بىرەر دورىمۇ، يىمەك ئىچمەك، مىۋە تۈرلىرىگىمۇ، چاڭ توزانغىمۇ..ۋەيا باشقا بىرەر نەرسىگە زىيادە سېزىمچانلىق بارمۇ بۇ يەرگە تولدۇرۇپ قويسىڭىز، بۇ ئۇچۇر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىدا ساقلىنىدۇ، كېيىن سىز بارغان دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار بۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىشكە پايدىسى بولىدۇ.
  • Raporlarım ساغلاملىق دوكلاتلىرىم:
    ھەرقايسى دوختۇرلار تەرىپىدىن ساغلاملىققا ئائىت دوكىلاتلىرىڭىز مۇشۇ يەردە بولىدۇ. مەسىلەن سىز بىر دۆلەت ئورگاندا ئىشلەۋاتقان بولسىڭىز، بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن، سىزنى داۋالىغان دوختۇر سىزگە بىرقانچە كۈنلۈك ئۆيدە دەم ئېلىش رۇخسىتى بەرگەن بولسا، شۇ دوختۇر سىزگە بىر دوكلات تەييارلاپ قولىڭىزغا بېرىدۇ. بۇ دوكلاتنى مۇشۇ قىسىمدىنمۇ تاپالايسىز.
  • Acil Durum Notlarım جىددىي ئەھۋال ئۇچۇرلىرىم:
    بۇ قىسىمغا ئۆزىڭىزنىڭ بەزى ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرىسىز. مەسىلەن بەدىنىڭىزدە بىرەر ئېلىكترونلۇق ئەسۋاپ(Kullandığım Protez ve Cihazlar) ، بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئوپىراتسىيە داۋالاشلىرىڭىز(Geçirdiğim Amliyatlar) ، بۇرۇن بولۇپ باققان ئېغىرراق كېسەللىكلەر(Geçirdiğim Rahatsızlıklar)، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلىرىڭىز(Kronik Hastalıklarım)، داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقان دورىلىرىڭىز(Sürekli kullandığım ilaçlar)… قاتارلىقلارنى تولدۇرۇپ قويسىڭىز، كېيىن دوختۇرخانىغا بارغاندا، سىزنى تەكشۈرگەن دوختۇرلار مۇشۇ ئۇچۇرلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزگە تېخىمۇ توغرا بىر دىئاگنوز قويالايدۇ.
  • Dokümanlarım ئارخىپلىرىم:
  • Aşı Takvimim ۋاكسىنا كالىندارىم:
    ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن تەييارلانغان. ئاساسلىقى بالىلارغا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
  1. يان سەھىپە : بۇ يەردىمۇ بەزى پايدىلىق روللار بار.
  • Acil Durum 112 جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلىفون ئۇرۇش ۋە ئادرىسڭىزنى ئەۋەتىش
  • En Yakın Hastane سىزگە ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىنى خەرىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
  • Nöbetçi Eczane كەچلىك ۋە ھەپتە ئاخىرىدا شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى دورىخانىنى خەرىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما بەزىدە خاتا كۆرسىتىپ قويىدۇ.
  • Randevu Al دوختۇرخانىغا، ساغلىق پونكىتىدىكى دوختۇرىڭىزغا نومۇر رەندىۋۇ ئالالايسىز.

 

 

چوقۇم بۇ سىستېمىغا تىزىملىتىش شەرتمۇ؟

شەرت ئەمەس. ئەمما بۇ سىستېمىغا تىزىملىتىپ قويسىڭىز، مۇھىم ۋاقىتلاردا پايدىسىنى كۆرىسىز. كىلەر قىتىم تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قالسىڭىز، مۇشۇ سىستېمىدىن ئۇدۇللا سىزنىڭ بۇرۇنقى بەدەن ئەھۋاللىرىڭىز، ئىشلىتىۋاتقان دورىلىرىڭىزدىن ھەم باشقا تەرەپلىرىدىن تولۇق بىلەلەيدۇ. ۋە سىزگە تېخىمۇ توغرا دىئاگنوز قويۇپ، توغرا داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىشكە زور ياردىمى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىڭىزمۇ بۇنىڭدىن بىلىۋالالايسىز.

 

ئې نابىزغا ئېلان بەرمىدىم، ئەمما قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

 

بۇ سىستېما، يۇمشاق دىتال بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى تور بىكەتلەرنىڭ ئادرىسىنى چىقىرىپ قويدۇم، ھەم ئې نابىز نىڭ يۇۋتۇپ قانىلى ئادرىسنىلىرىنى، بەزى پايدىلىق فىلىملىىرنى چىقىرىپ قويدۇم. قىززىققۇچىلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

ئې نابىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك  پايدىلىق تور بىكەتلەر.

تۈركچە خەتلىك، فىلىملىك ئې نابىزغا ئەزا بولۇش تونۇشتۇرۇش فىلىمى

https://www.youtube.com/watch?v=2kSMASLbsTA

ئې نابىز يۇۋتۇپ قانىلى

https://www.youtube.com/channel/UCYu8uPLdGn1xqZw4I8X_J6Q

ئې نابىز ئادرىسى:

https://enabiz.gov.tr

 

مەن نۇر دوختۇر

بۇ قېتىملىق ئې نابىز غا ئالاقىدارلىق مەزمونلار مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ. باشقا يەردە تارقاتماقچى بولسىڭىز، تور بىكەت ئادرىسىمىزنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى ھەربىر تەييارلانغان ئەسلى ماقالىمىز نەچچە كۈنلەپ ۋاقىت، زېھىن ئەجىر سىڭدۈرىمىز. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. رەھمەت.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-04-08 / 06:18:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ