ساغلام ئەر ۋە ئاياللار خروموزوما جۈپلىرى
ساغلام ئەر ياكى ئاياللارنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدىكى مۇھىم قىسم بولغان 23 جۈپ خروموزوم (بويالغۇچى تەنچە) تۈزۈلۈشى بېرىلدى. رەسىمدە جەمئىي 23 جۈپ خروموزوم گۇرۇپپىسى مەۋجۇد بولۇپ، بۇلار ئادەم بەدىنى ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان روللارنى ئوينايدۇ. ھۈجەيرە ئىشلەپ چىقارغان ئاقسىللارنىڭ تۈرلىرى، شەكىللىرى، ۋە روللىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ خروموزوملاردىن ئۆرنەك ئالىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى 23. نومۇرلۇق بىر جۈپ خروموزوم ئەر ئاياللارنىڭ جىنسىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ساغلام بىر كىشىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈپ خروموزوم ياكى XX بولۇپ ئايال كىشى بولىدۇ، ياكى XY خروموزوم بىرلىشىپ ئەر كىشى بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن رەسىمدىمۇ «ياكى» سۆزىنى ئىشلەتتۇق.