يىڭناسقۇ ئادەتتە كۆز قاپىقىدىكى ماي بەزلىرىنىڭ يەللىنىپ قېلىشىىدىن پەيدا بولىدۇ. چوڭايسا كۆز تېرىسى قىزىرىپ ئىششىيدۇ ۋە ئاغرىيدۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قىزىرىپ ئىششىغان يەردىن يىرىڭ چىقىدۇ. بەزىلىرى ئۆزى يىرىڭلاپ يېرىلسا، بەزىلىرىنىڭ يىرىڭىنى چىقىرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.
يىڭناسقۇنى داۋالاشقا نىسبەتەن كۆز دورىسى تېمىتقاندىن باشقا، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغاندا يەللىكنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا يەنە دورا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق يەللىكنى كونترول قىلىپ سېپتىتسېمىيە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
يىڭناسقۇنى سىقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇندىكى قان تومۇر بىلەن چوڭ مېڭىدىكى قان تومۇرلار ئۆزئارا تۇتاش بولغاچقا، سىقىش يەللىكنى كېڭەيتىۋېتىدۇ. بۇ مېڭە پەردە يەللىكى ۋە سېپتىتسېمىيە پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىغا قولى بىلەن كۆزىنى ئۇۋۇلىماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىش لازىم.
يىڭناسقۇ چوڭ كېسەل ھېسابلانمايدۇ، ئەمما ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بالىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.