توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇن كىشىلەر مەلھەم دورا (膏药) چاپلىغاندىن كېيىن ئېلىۋېتىشكە ئۇنىماي، تاكى ئۇ تەبىئىي چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئېلىۋېتىدۇ.
كۆپچىلىك بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەلھەم دورىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، تېرىسىدە قىزىل رەڭلىك ئىز قالغىنىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئەمەلىيەتتە تېرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
مەلھەم دورىنى ئادەتتە قانچىلىك ۋاقىت چاپلىساق مۇۋاپىق؟
ئەمەلىيەتتە مەلھەم دورىنى ئادەتتە بەش سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە چاپلىسىلا بولىدۇ. بەش-ئالتە سائەتتىن كېيىن، مەلھەم دورا ئاللىقاچان پارلىنىپ ئۈنۈمى تۈگىگەن بولىدۇ، بۇ چاغدا يەنە ئېلىۋەتمىگەندە، تېرىنىڭ نەپەسلىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېرىنىڭ قىسمەن جايلىرىغا رېئاكسىيە قىلىدۇ.
دىققەت! زىيادە سېزىمچان بىمارلارغا نىسبەتەن، مەلھەم دورا چاپلىغان ۋاقىت تېخىمۇ قىسقا بولۇشى كېرەك.