قاپارتما بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرە ۋە شىللىق پەردە يۇقۇملىنىش. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى خىل تىپى بار:ئاددىي قوقاق ۋىرۇسى 1 تىپلىق ( HSV-1 ) ۋە ئاددىي قوقاق ۋىرۇسى 2 تىپلىق ( HSV-2 ). HSV-1 ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقى قاپارتقۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، HSV-2 بولسا جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گەرچە بۇ ئىككى خىل تىپتىكى قاپارتما ئېغىز بوشلۇقى ۋە جىنسىي ئەزا رايونىدا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تارقىلىش شەكلى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.
سەۋەبى:
قوقاق ئاددىي قوقاق ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ۋىرۇس بىۋاسىتە ئۇچرىشىش، ھاۋادىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ياكى بۇلغانغان جىسىملار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. يۇقۇملانغان ھامان، ۋىرۇس نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ ھەمدە بەزى ئەھۋاللاردا ( مەسىلەن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تورمۇزلانغاندا ) قايتا قوزغىلىدۇ.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى:بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى ۋە كىلىنىكىلىق ئىپادىسىگە ئاساسەن، دوختۇر ئادەتتە قاپارتمىنىڭ بار – يوقلۇقىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلالايدۇ. تىپىك قاپارتما ئاغرىش خاراكتېرلىك كىچىك سۇلۇق قاپارتما بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ئارقىدىن يېرىلىپ يارا شەكىللىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا قاقاچ تۇتىدۇ ھەمدە ساقىيىدۇ.
2. تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش:قاپارتما يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان بىمارلارغا قارىتا، دوختۇر قاپارتما سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ۋىرۇسنى يېتىشتۈرۈش ،پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيىسى ( PCR ) قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،بۇ ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تىپىنى بېكىتكىلى بولىدۇ.
3. ئانتىتېلانى تەكشۈرۈش:قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمارنىڭ تېنىدە ئاددىي قوقاق ۋىرۇسىغا قارىتىلغان ئانتىتېلانىڭ بار – يوقلۇقىنى بىلگىلى، شۇ ئارقىلىق بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان – يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
4. تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش:بەزى ئەھۋاللاردا، دوختۇر بەلكىم تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقا ئوخشاش كېسەللىكلەرنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى چىقىرىپ تاشلىشى مۇمكىن.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. ۋىرۇسقا قارشى دورىلار:نۆۋەتتە بازاردا كۆپ خىل ۋىرۇسقا قارشى دورىلار قاپارتمىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، ئاشلوۋېي، فاپىلاۋېي قاتارلىقلار. بۇ دورىلار كېسەللىك جەريانىنى قىسقارتىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ ھەمدە قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، دوختۇرنىڭ تەكلىپى ۋە رېتسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
2. كېسەلگە قاراپ داۋالاش:ئاغرىق ۋە بىئاراملىقنى رېتسېپسىز ئاغرىق توختىتىش دورىسى ( مەسىلەن، برۇفېن ) بىلەن پەسەيتىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاغرىغان جاينىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تاتىلاشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. ئىممۇنىتېتنى تەڭشەپ داۋالاش:قايتا قوزغىلىدىغان قاپارتما بىمارلىرىغا قارىتا، دوختۇر ئىممۇنىتېتنى تەڭشىگۈچى دورىلار ( مەسىلەن، سىنك سۇلفات، ۋىتامىن B6 قاتارلىقلار ) ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قايتا قوزغىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىشنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن.
4. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قويۇق ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، قاچا – قۇچا، لۆڭگە قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك؛ ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ، چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ گاندون ئىشلەتكەندە جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.