ئانا سەھىپەدورا ۋە ساغلاملىقدورا ئىشلىتىشقايسى خىل دورىلار ياشانغانلاردا ئاسان مەسىلە پەيدا قىلىدۇ

قايسى خىل دورىلار ياشانغانلاردا ئاسان مەسىلە پەيدا قىلىدۇ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھېپارىن (گەنسۇ 素肝) 60 ياشتىن ئاشقانلار بۇ دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن قاناش كۆپ يۈز بېرىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، دورا ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە قاناش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ھەمدە قان پلاستىكىلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا قارشى دورىلار(ئاسپىرىن) نى ئىچمەسلىك كېرەك.

ۋارفالىن (خۇافالىن 林法华) بۇ دورىنى ياشانغانلار ئىشلەتكەندىن كېيىن تەسىرى ۋە ئەكس تەسىرى بىردەك كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ ياشانغانلارنىڭ قان پلازما ئاقسىل مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى ياشانغانلارنىڭ ۋارفالىن دورىسىغا بولغان سەزگۈرلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. دورا ئىشلىتىش جەريانىدا قاناش (چوڭ، كىچىك تەرىتىدىن قان كېلىش) ئالامەتلىرىنى كۆزەتكەندىن باشقا، يەنە قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتىنىمۇ ئۆلچىتىپ تۇرۇش كېرەك.

فېنتوئىن ناترىي (بېنتويىڭنا 钠英妥ى) تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلى ياكى بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن ياشانغانلاردا نېرۋا ياكى قاندىكى ئەكس تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشىغا فېنتوئىن ناترىينىڭ قان پلازما ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىگە بولغان ئۈنۈمىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرىلىقى سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، ياشقا قاراپ دورا مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.

ئامىتېرىن، ئىمپرامىن (بىڭمىچىن 嗪咪ۋ، ئامىتىلىن 林替米阿) كۆپ قىسىم ياشانغانلاردا بۇ دورىنى ئىچكەندىن كېيىن خاتىرجەمسىزلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، ھاياجانلىنىش، يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرۈشى توسالغۇغا ئۇچراش، خىيالچانلىق قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ياشانغانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئالامەتلەر يۈز بەرگەندە دورىنى توختىتىش كېرەك.

پېنسىلىن (چىڭمېيسۇ 素霉青) ياشانغانلار بۆرىكىنىڭ ئاجرىتىپ چېقىرىش ئىقتىدارى چىكىنىپ كەتكەن، چىقىرىشچانلىقى ئاستا، قېنىنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغاچقا، ئاسانلا مەركىزىي نېرۋىدا زەھەرلىنىش ئىنكاسى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، تۇتقاقلىق ۋە ھوشىدىن كېتىش قاتارلىقلار. ئەگەر ياشانغانلارغا كۆپ مىقداردا پېنسىلىن ئىشلىتىش توغرا كەلسە، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ دورا مىقدارىنى ئازايتىش ياكى دورا ئىشلىتىش ئارىلىقىنى ئۇزارتىش كېرەك.

پۇنەيلوئېر (尔洛萘普) ياشانغانلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىش، قان پلازما ئاقسىلى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن دورىنىڭ ئەكس تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ، مەسىلەن، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىراش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش، تۆۋەن قان بېسىم، يۈرەكنىڭ ئۇزىتىشى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

تۆمۈر تەركىبلىك دورىلار ياشانغانلار بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى ئاز بولۇشتىن يېتەرلىك سۈمۈرۈلمەي، داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. شۇڭا، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تۇز كىسلاتاسىنى بىرگە ئىچىش ياكى دورا مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك.

لېۋودوپا (L – دوپا، زوشۈەندوبا غ多旋左) ئاسانلا كۈچلۈك ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەن قان بېسىمى، باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە ئەسەبىيلىك كېسىلى ئېغىرلاش، يۆنىلىشنى بەلگىلەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، خىيالپەرەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دورا مىقدارىنى ئازايتىش ۋە ئەكس تەسىر يۈز بېرىش ئەھۋالىنى قاتتىق كۆزىتىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:17:56

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ