پەن تېخنىكا تورى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:
ئېلون ماسك، Neuralink شېركىتىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىككىنچى ئىنسان سىناق قىلغۇچىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى.
تېسلا CEO ئېلون ماسك شۇ يەر ۋاقتى 2 – ئاۋغۇستتا مەلۇم بىر تور پروگراممىسىدىكى زىيارىتىدە، مېڭە ئۇلاش ئېغىزى شىركىتى Neuralink سىناق قىلىنغان 2 – بىمار تېنىگە مېڭە ئۇلاش ئېغىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.
پروگراممىدا ماسك مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: «مېنىڭ بەك بالدۇر يەكۈن چىقارغۇم يوق، لېكىن ئىككىنچى قېتىملىق ئوڭۇشلۇق كۆچۈرۈلگەن بۇ پارچە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتقاندەك قىلىدۇ. سىگنال ناھايىتى كۈچلۈك، ئېلېكتىر قۇتۇپىمۇ ناھايىتى كۆپ، ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ» . ماسكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە 400 دانە كۆچۈرۈلگەن ئېلېكترود خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بەش يىلدىن كېيىن مېڭە – كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى سىگنالىنىڭ يەتكۈزۈلۈش سۈرئىتى ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتىدىنمۇ تېز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ماسكنىڭ قارىشىچە ،Neuralink سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىخەتەرلىكىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇرلىشىش ئالاقە سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇرلىشىش سۈرئىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئىنسانلار ئىرادىسى بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مېڭە – كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزىنىڭ ياردىمىدە، ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇرلىشىش سۈرئىتىنى ئۈچ، ئالتە ھەسسە ياكى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈمىد بار ئىكەن.
ئېلون ماسك ، Neuralink شېركىتىنىڭ بۇ يىل يەنە 8 بىمارغا مېڭە ئۆزەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى. يەنى Neuralink بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا مېڭە ئۇلاش ئېغىزى ئۆزەك كۆچۈرۈلگەن بىمار سانى 10 غا يېتىدىكەن.
بۇ قېتىملىق سىناققا قاتناشقۇچىغا قارىتا، ماسكنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ يىلىكىنىڭ زەخىملىنىشى ئالدىنقى بىمار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ( بىرىنچى بىمار بىر قېتىملىق سۇغا چۆكۈش ۋەقەسىدە پالەچ بولۇپ قالغان )، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئىككىنچى سىناققا قاتناشقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان.
سۆھبەتتە ماسك يەنە Neuralink بىخەتەرلىك ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىركەت ھەر قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا ئالتۇن ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ( FDA ) نىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ.
ماسك Neuralink ئىككىنچى سىناقنى قاچان ئوپېراتسىيە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. بىراق شۇ يەر ۋاقتى 10 – ئىيۇل ماسك بىر مەيدان بىۋاسىتە تارقىتىشتا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: Neuralink كېلەر ھەپتە ئىككىنچى ئىنسان بىمارىنىڭ بەدىنىگە ئۆزەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشىدىن ئۈمىد بار. ئۇ بۇ يىلقى سىناققا قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بىر خانىلىق سانغا يېتىشىنى ھەمدە نەچچە يىل ئىچىدە نەچچە مىڭغا يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Neuralink شېركىتى 2016 – يىلى قۇرۇلغان ،بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى مېڭە – ماشىنا ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ، چوڭ مېڭىگە كۆچۈرۈلىدىغان بىر خىل ئۆزەك ئۈسكۈنىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىلىق «ئادەم مېڭىسى بىلەن ماشىنا ئارىسىدا ئۇچۇرلىشىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن. شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023 – يىلى 6 – ئايدىلا Neuralink شېركىتىنىڭ مۆلچەرى قىممىتى 5 مىليارد دوللاردىن ئاشقان.
بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ، تۇنجى ئىنسان بىمارى Noland Arbaugh مېڭە ئۆزەك كۆچۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ماسك تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « پەقەت تەپەككۇر قىلسىڭىزلا يان تېلېفونىڭىز ياكى كومپيۇتېرىڭىزنى كونترول قىلالايسىز ھەمدە ئۇلار ئارقىلىق باشقا ھەر قانداق ئۈسكۈنىنى كونترول قىلالايسىز. ئەڭ دەسلەپكى ئىشلەتكۈچىلەر ئاشۇ پۇت – قوللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەملەردۇر. تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ نىشانىمىز، سىتىفىن.خاۋكىڭنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى خەت باسقۇچى ياكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇستىسىنىڭكىدىن تېز بولۇشتۇر.
2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ماسك X تور بېكىتىدىكى بىر مەيدان بىۋاستە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە يەنە بىر قېتىم يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دىگەن ئىدى : « بىرىنجى ئوپىراتسىيىنى قوبۇل قىلغان بىمار، پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەندەك قىلىدۇ، بىز ئويلىغان ناچار تەسىرلەر كۆرۈلمىدى. سىناق قوبۇل قىلغۇچى پەقەت تەپەككۇر قىلسىلا كومپيۇتېر ئېكرانىدا مائۇسنى يۆتكىيەلەيدۇ. »
بىراق 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ، Neuralink شېركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Arbaughنىڭ مېڭە توقۇلمىسىغا ئورناتقان بەزى سىملىرىنىڭ ئاجراپ كېتىپ ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ، قىسمەن سانلىق مەلۇماتلارنى يوقىتىپ قويۇپ ،ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
10 – ئىيۇلدىكى بىۋاستە كۆرسىتىشتە ،Neuralink شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، Arbaughنىڭ مېڭە ئۇلاش ئېغىزى ئىچىدە پەقەت تەخمىنەن 15 % قىسمى نورمال خىزمەت قىلالايدىكەن ، شۇنداق بولسىمۇ ،Arbaugh يەنىلا مېڭە ئۇلاش ئېغىزى ئارقىلىق فىلىم كۆرەلەيدىكەن ، كىتاب ئوقۇيدىكەن ، شاھمات ئوينايدىكەن ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينايدىكەن ، ھەر ھەپتىدە ئىشلىتىش ۋاقتى بەزىدە 70 سائەتكە يېتىدىكەن. شېركەت تېخنىكلىرى بۇ قاتتىق دېتال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېلىھەم تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەر:
مېڭىسىگە ئۆزەك كۆچۈرۈلگەن پالەچ ئادەم شاھمات ئوينىيالىدى