ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشساغلام يېمەكلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىش مۇھىم ھالقا

ساغلام يېمەكلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىش مۇھىم ھالقا

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە بېس ئاياللار داۋالاش مەركىزى (Beth Israel Deaconess Medical Center) نىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالاھىدە تىپتىكى يېمەك-ئىچمەككە ئەمەس بەلكى ساغلام يېمەكلىككە كۆڭۈل بۆلۈش يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلغان، ھەر بىر خىل يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بولىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىكنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىكنىڭ يادروسى ساغلام يېمەكلىكنى تەكىتلەش ئىكەن.

تەتقىقاتتا ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئىچىدىكى بىر خىلىنى يېگەن ئادەمنىڭ ھەر خىل قان ئەۋرىشكىسى تەھلىل قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى مول كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەنە بىرىدە ئاقسىل مىقدارى كۆپرەك، يەنە بىر خىلىدا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە پېرسېيە دەرىخى مېۋىسى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۆپرەك؛ ئەمما، بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىكنىڭ بەزى ئورتاقلىقى بار، يەنى تۇز، خولېستېرىن ۋە ياغ تەركىبى تۆۋەنرەك.

بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان 150 ئادەمگە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئەمما يۇقىرى قان بېسىمى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى يېمىگەن. قاتناشقۇچىلار تەجرىبە مەزگىلىدە بۇ يېمەكلىكلەرنى ئالتە ھەپتە ئىستېمال قىلغان، ئارىلىقتا بىر قېتىم ئۈزۈلۈش بولغان، ئىككى قېتىملىق ئىستېمال مەزگىلىدىكى قان ئەۋرىشكىسى يىغىۋېلىنغان.

ئالىملار قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالتە ھەپتىلىك تەجرىبىدىن بۇرۇنقى، تەجرىبە مەزگىلىدىكى ۋە تەجرىبىدىن كېيىنكى قان ئەۋرىشكىسىدىكى يۈرەك ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەرنى كۆزەتكەن. نەتىجىدە، شەخسنىڭ ئوزۇقلۇق ماددا سەۋىيەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئۈچ خىل ساغلام ئوزۇقلۇقنى ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ ياللۇغلىنىش ۋە يۈرەك ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقى بايقالغان.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، يۇقىرى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مول بولغان يېمەك-ئىچمەك تۈرى يۈرەك ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ھەقىقىي ساغلام يېمەكلىك ھېسابلىنىدىكەن.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6280090.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-12-28 / 10:53:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ