توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بەدەندە بەلباغسىمان قوقاق ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان جاي كۆكرەك ۋە دۈمبە قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي كېسەللىك يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ %55تىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بەل، قورساق قىسمى، باش، يۈز قىسمى، پۇت-قول قاتارلىقلار.
بەلۋاغسىمان قوقاقنىڭ تۇنجى كېسەللىك ئالامىتى ئەسۋە ۋە قىسمەن بىنورماللىق، قىچىشىش، سىرقىراپ ئاغرىش ياكى قاتتىق ئاغرىشتا ئىپادىلىنىدۇ.
يەنە بىر قىسىم بىمارلاردا ئەسۋە پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن نەچچە كۈن ياكى نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئاغرىيدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. پۇت ئاغرىسا ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ؛ مۈرە، قول ئاغرىسا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ؛ كۆكرەك قىسمى ئاغرىسا تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق باشقا كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىققان دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. ئەسۋە تېشىغا تىپىپ چىققاندىلا ئاندىن بەلۋاغسىمان قوقاق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17906116.shtml