ئانا سەھىپەرەسىملەرتېخنىكا ئۇسۇللارئەڭ ئازابلىق بەش خىل ئوپېراتىسىيە قايسىلار؟

ئەڭ ئازابلىق بەش خىل ئوپېراتىسىيە قايسىلار؟

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بەدىنىمىزدە بەزى ئېغىر كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندە، بۇ ۋاقىتتا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ،

ئوپېراتسىيە جەريانىدا ناركوز ئوكۇلى ئۇرۇلىدۇ، بەزىلىرى يېرىم ناركوز قىلىنىدۇ، بەزىلىرى پۈتۈن ناركوز قىلىنىدۇ، مەيلى قايسى تۈرگە تەۋە بولسۇن، ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئازراقمۇ ئاغرىق ھېس قىلمايمىز.

ئەمما ئوپىراتسىيىدىن كېيىن، ناركوز دورىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، يارا ئېغىزى ئاغرىيدۇ، يەنە كېلىپ بەزى ئوپىراتسىيىلەردىن كېيىن ئاغرىققا چىدىغىلى بولمايدۇ.

ئەڭ ئازابلىق بەش خىل ئوپېراتىسىيە قايسىلار؟

 

ئەڭ ئازابلىق بەش خىل ئوپېراتسىيە

1. گېموروي ئوپېراتسىيەسى

گېموروي ئوپىراتسىيەسى بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى گېموروي ئوپىراتسىيەسى ئوپىراتسىيە ئورنىنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى ئاغرىق سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئوپېراتسىيە جەريانىدا، دوختۇر گېموروي توقۇلمىلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشى ياكى بوغۋېتىشى كېرەك، بۇ ئادەتتە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئاغرىش ۋە بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

گەرچە ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى لازېر نۇرى ئارقىلىق داۋالاش ۋە مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە قاتارلىق بىر قەدەر مىكرو زەخمىلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنئەنىۋى ئوپېراتسىيەنىڭ ئاغرىق سېزىمى يەنىلا نۇرغۇن بىمارلارنى قورقىتىدۇ.

 

2. كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى

كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى تېببىي ھۆسن تۈزەش كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ فىگۇرىسىدا كەمتۈكلۈك بارلىقىنى ھېس قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاياللار كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە باشلىدى، بۇنداق قىلغاندا فىگۇرا بارغانسېرى تولۇپ، ئاياللارنى تېخىمۇ ئاياللىق نازاكەتكە ئىگە قىلىدۇ.

كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، خەتەرلىك كوئېففىتسېنتى يۇقىرى ئوپېراتسىيە بولۇپ، كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغاندا، دوختۇر بىممارنىڭ كۆكىسىنى ئېچىپ، سىلىتسىيلىق يېلىم قاتارلىق ماددىلار بىلەن تولدۇرۇشى كېرەك. ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئوپېراتسىيە قىلغۇچىغا قاتتىق ئاغرىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئوپېراتسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ناركوز دورىسى يوقاپ كەتكەندە، بۇ خىل ئاغرىققا بەرداشلىق بەرمەك تەس.

 

3. ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى بىرىكتۈرۈش ئوپىراتسىيىسى

ئەگەر ھەرىكەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئومۇرتقا ئارىلىق ئاغرىقى بولسا، ئۇنداقتا دوختۇر ئومۇرتقا بىرىكىش ئوپېراتسىيىسى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئوپېراتسىيە سۆڭەك كۆچۈرۈشكە چېتىلىدۇ، يەنى يانپاش بوغۇمىدىن سۆڭەك ئېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىگە كىرگۈزۈپ بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئوپېراتسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىماردا ئاستا خاراكتېرلىك ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

 

4. تۈز ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى

بۇ خىل ئوپېراتسىيە نېمە ئۈچۈن ئازابلىق ئوپېراتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ؟

بىز تۈز ئۈچەينىڭ ئۈچەي يولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك، ئوپېراتسىيە جەريانىدا دوختۇر ئۈچەي يولىنىڭ بىر قىسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن يەنە مەقئەتنىڭ بۇ ئورنىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشى مۇمكىن، پۈتۈن قول ئوپېراتسىيە جەريانى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ ئازابلىق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئوپېراتسىيە جەريانى ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەڭ چوڭ ئاغرىق كېسەللىك ئاسارىتى ئېلىپ كەلگەن ئاغرىق بولۇپ، بۇنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

 

5. بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى

ئايال دوستلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، ئاسانلا ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ، ئەگەر ئاياللار كېسەللىكىنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، بالىياتقۇدا مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولسا، بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئاياللار بالىياتقۇدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى ئاياللارنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ. چۈنكى بالىياتقۇ بولمىسا، ئاياللاردا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، يەنە تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. ئوپىراتسىيە جەريانىمۇ ناھايىتى جاپالىق، ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدىكى بىر توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ.

 

ھەر خىل ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن، بىمارلار قانداق تەييارلىقلارنى قىلىشى كېرەك؟

1) دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش

مەيلى ھەرقانداق ئوپېراتسىيە بولسۇن، بەلگىلىك خەۋپ-خەتەر بولىدۇ، مەيلى بىمار ياكى داۋالاش خادىملىرى بولسۇن، ئوپېراتسىيە جەريانىدا چوقۇم يېتەرلىك ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، تۈنىمەسلىك كېرەك.

ئۇ يەنە ئاساسىي مېتابولىزمنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، شۇنداقلا ئوپېراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، يېتەرلىك ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن بىمارنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ساقىيىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

 

2) يېمەك-ئىچمەك تەييارلىقى

ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن بىمارلار يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، مۇچ، كاۋاۋىچىن ياكى قىچا تالقىنى قاتارلىق ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى، ئوپېراتسىيە جەريانىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى، يەنە سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمارلار يەنە يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، سېمىز گۆش، شاكىلات قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىۋەتمەسلىكى، يەنە قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوپىراتسىيە ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

3) كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش

ئوپېراتسىيە قىلغاندا، بىماردا جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن بىماردا جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە، ئوپېراتسىيە جەريانىدا بىئاراملىق كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتىگە قارىتا، بىمار تىنچلاندۇرۇش مۇزىكىسىنى مۇۋاپىق ئاڭلىسا ياكى چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ناچار كەيپىياتنى پەسەيتسە بولىدۇ.

 

4) نەرسە-كېرەكلەرنى تەييارلاش

ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن، بىمار بەدەن تېرمومېتىرى، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، ئېلېكتروكاردىئوگرامما ئاپپاراتى، چىش داۋالاش ئەسۋابى قاتارلىق كېرەكلىك بۇيۇملارنى تەييارلاپ، ئوپېراتسىيە جەريانىدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

بىمارلار يەنە ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، بۇ قان ئادىتى، قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى، ئېلېكترو كاردىئوگرامما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوپېراتسىيەدە چەك تۇتۇشنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. ئەگەر باشقا كېسەللىكلەر بار بولسا، بىمارنى ئادەتتە ئوپېراتسىيە قىلىشقا بولمايدۇ.

يۇقىرىقى بىر قانچە خىل ئوپېراتسىيەنىڭ بەزىلىرى تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن، بەزىلىرى گۈزەل بولۇش ئۈچۈن بولىدۇ، لېكىن ھەممىسىدە قەيسەر ئىرادىگە تايىنىدۇ، داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپ قىسىم كېسەللىكلەر بىمارلاردا ئانچە چوڭ ئاغرىق سېزىمى پەيدا قىلالمىدى، لېكىن ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئاغرىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنى چوقۇم باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/07/26851425.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-29 / 02:28:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ