ئانا سەھىپەئۇيغۇرلارئۆرپ-ئادەتلىرىمىزئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۇيغۇرلاردا قىزلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ.

« … قىزلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىشكە باشلايدۇ. ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشكە بىرەر پېشقەدەم موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تىشىدۇ – دە، ئىنچىكە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ. ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى قۇلىقىنىڭ بىرلا يېرىدىن تۆشۈك تېشىشكە ئادەتلەنگەن. ئادەتتە قۇلىقىنى ئىككى يەردىن تەشمەيدۇ ھەم بۇرنىنىمۇ تەشمەيدۇ.ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلى تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن ئىككىنچى قېتىم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. » ① قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يېگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالقا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدۇ ھەمدە قىزنىڭ ئانىسى بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق تېشىش ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز – ئاياللارغا ھەر خىل قۇلاق ئاسقۇلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ – زىننەتلەرنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ھۈنەر تۈرى زەرگەرچىلىك مەيدانغا كەلدى.

ئۇيغۇرلار ھەر خىل قۇلاق ئاسقۇلارنى « ھالقا، سۆكە، مونچاق، زىرە، سىرغا » قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ.بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلار توي قىلىدىغاندا قۇلاق ئاسقۇلار تويلۇقنىڭ خېلى مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئىنسانلاردا ناھايىتى بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا شەكىللەنگەن.بۈگۈنكى كۈندە قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرىدىغان بۇ ئادەت باشقا مىللەتلەرگىمۇ تارقىلىپ ئۆزلەشمەكتە.

گەرچە ئىسلام دىنىدا قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشى ۋە ھالقا ئېسىشى دىنىي مەجبۇرىيەت بولمىسىمۇ، ئاياللار ئاساسەن ئۆزىنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىدۇ. قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى ۋە زىبۇ– زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

_________________________________________

ئىزاھاتلار :

① ئەنۋەر سەمەد قورغان: « ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007- يىل 12- ئاي 1- نەشرى، 178- بەت.

مەنبە: «مىراس» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 2- سان.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-25 / 06:31:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ